بۇندىن 18 يىل بۇرۇن تۆرەلگەن بوۋاق بۈگۈن تۇغۇلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: نۇر تورى

ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﻼ «18 ﻳﺎﺵ» ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﮪﻪﺩﯨﺴﻰ 17 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 1-ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ 48 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮔﯘﺍﯕﺠﯘﻟﯘﻕ ﺋﺎﻧﺎ 18 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﯕﮕﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ، ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻗﻤﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ «ﻗﯧﺮﻯ» ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺍﯕﺠﯘﻟﯘﻕ ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻢ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 13 ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﮪﺎﺯﯨﺮ 17 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻛﯚﭘﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺑﯘ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻧﯚﻟﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ 196 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. 

ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 1-ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺟﻮﯞ ﺷﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻢ 18 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﮪﻪﻗﻘﻰ 10 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ، 2016-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﻪ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ، ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﺎ-ﺑﺎﻻ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻮﻕ».

ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 13-ﻣﺎﺭﺕ، ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 37 ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 2.88 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘﺩﺭﯗﻗﻘﯩﻨﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﯞﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﺪﻯ، ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 1-ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﺍﯓ ﺯﯨﻠﯩﻴﻪﻥ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ»، ﺳﯧﺴﺘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﭽﻪ، ﺷﯜ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯘ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر