مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-مارت ئېچىلغان 2017-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىكەن.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ۋە مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىلارغا پىرسەنت قوشۇپ سېتىشىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن (جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ توغرالما دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتتە خەلقئارالىق داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدا جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت بويىچە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر