شىنجاڭدا مال-چارۋا يەم خەشىكىدە تۇز ياساپ سېتىش دېلوسى پاش بولدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01


ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى: قوي كالىنىڭ يەم-خەشىكىگە ئىشلىتىلىدىغان تۇزنى خام ئەشيا قىلىپ قىلىپ، ئادەم يەيدىغان «يېشىل يېمەكلىك» ئاشتۇزى ياسىغاننى ئاڭلىغانمۇ سىز؟!...

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭدا تۇنجى يەم-خەشەك تۇزىنى خام ئەشيا قىلىپ ساختا ئاشتۇزى ياساش دېلوسى پاش قىلىندى.


ئىگىلىنىشىچە، ساختا تۇز ياساش قارا ئۇۋىسى غۇلجا ناھىيەسىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بولۇپ، بۇ جاينىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا تۇزلار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مال-چارۋىلارنىڭ يەم-خەشىكى ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان. غۇلجا ناھىيەلىك تۇزچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما خەييۈننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نەق مەيداندىن 7 توننا ئەتراپىدا يەم-خەشەك تۇزى، 1.2 توننا سانائەت تۇزى، 400 كىلوگىرام پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاشتۇزى قولغا چۈشكەن.

نەقمەيداندا يەنە خالتا ئېغىزىنى تىكىش ماشىنىسى، ئورالما قاپ قاتارلىقلار بار بولۇپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار يەم-خەشەك تۇزى بىلەن سانائەت تۇزىنى پارچىلاپ، بىۋاسىتە ھالدا كىچىك «ئاشتۇزى» خالتىسىغا قاچىلاپ تەييارلىغان. نەق مەيداندىن «يود قوشۇپ تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن جۇڭيەن تۇزى» خالتىلىرى قولغا چۈشكەن، بۇ خالتىلار بازاردا سېتىلىۋاتقان ھەقىقىي ئاش تۇزى قاچىلانغان خالتىلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەن. ما مۇدىرنىڭ سۆزىچە، بۇ قارا ئۇۋىدا ياسالغان ساختا تۇزلار ئاللىقاچان ماگىزىن، ئاشخانىلارغا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، دائىرىلەر تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ساختا تۇزنى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىشكە چاقىرىۋېتىپتۇ.
 


ما مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى بازارلاردا ساختا تۇزلار پەيدا بولغان بولۇپ، ناھىيەلىك تۇزچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئالدى-كەينى بولۇپ 8 توننىغا يېقىن ساختا تۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇ ساختا تۇزلارنىڭ تەركىبىدە يود بولغاننىڭ ئۈستىگە، سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇزچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ساختا تۇز ياساپ سېتىش دېلولىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سانائەت تۇزىنى خام ئەشىيا قىلىپ ساختا تۇز ئىشلىگەن بولۇپ، مال-چارۋا يەم-خەشەك تۇزىنى خام ئەشيا قىلىپ ساختا تۇز ياساش قىلمىشىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەن.


ئەلداۋا تەۋسىيەسى:
سانائەت تۇزىدا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددا ۋە ئېغىر مېتاللار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ساختا تۇز ياساش، سېتىش دېلولىرى يۈز بەردى. ساختا تۇزلارنىڭ ئورالمىسى ھەقىقىي تۇزنىڭ ئورالمىسى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ پەرقلەندۈرۈپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كەڭ جامائەتچىلىكنى تۇز سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى چوڭ تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش ۋە سېتىشنى نازارەت قىلىدىغان بىر قاتار باشقۇرۇش تۈزۈم-مېخانىزملىرى بولىدۇ. مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە كاپالەت بېرەلەيدۇ.

بۇ تېمىنى كۆرگەن قېرىنداشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە، كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز! قېرىنداشلىرىمىز خەۋەرسىز قالمىسۇن، ساختا تۇزنىڭ زىيىنىغا بىھۇدە ئۇچراپ كەتمىسۇن!!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر