ئاقسۇدا توققۇز ياشلىق قىزچاقنىڭ بويى 1.62 مېتىرغا چىقتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدىكى توققۇز ياشلىق قىزچاق دۇ ۋېنخۇينىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.62 مېتىرغا چىقتى، ئەمدىلا 3-يىللىققا چىققان بۇ ئۆسمۈر قىزنىڭ بويى ساۋاقداشلىرىدىن 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، ئاپىسى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى كىيىملەرنى كىيىشكە باشلىغانىدى.
   ــ كىملا كۆرسە «قىزىڭىز نېمانداق ئېگىز؟ نەچچە ياشقا كىردى؟ نەچچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ؟ كىچىك تۇرۇپ بويى نېمانداق ئېگىز؟!» دەپ سورايدۇ،-دېدى دۇ ۋېنخۇينىڭ ئاپىسى شيې جەنمېي. قىزىم تۇغۇلغاندا 52 سانتىمېتىر تۇغۇلغان، باشقا بوۋاقلاردىن پەرقلەنمەيتتى، بىراق، يۈز كۈنلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن باشلاپ ئېگىزلىكى باشقا بالىلارنىڭكىدىن ئېگىز بولۇپ كەلدى، ھازىرغىچە شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ئادەتتە بىز نېمە يېسەك، قزىمىز شۇنى يەيدۇ، باشقا ئالاھىدە يېمەكلىك ياكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى يېمەيدۇ.


   دۇ ۋېنخۇي ئوچۇق-يورۇق، شوخ، ئۆگىنىشتە ياخشى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق، دائىم ئەڭ ئارقا رەتتە ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا بىر غەم بولۇپ، ئۆسۈشنى توختىتىش ئۈچۈن قەستەن كۆكتات يېمەيدىغان بولۇۋالغان. ئاپىسى بۇنى بايقاپ ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، بويى ئېگىزلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە يامان ئىش ئەمەسلىكىنى، دادىسىنىڭ بويى 1.93، ئاپىسىنىڭ 1.68 ئېگىز بولغاچقا، ئۇنىڭ تەبىئىيلا شۇنداق ئېگىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن. دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ ئېگىز بولۇشىنىڭ ئىرسىيەت سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر