پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېغىر روھىي كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ سانى تۇنجى ئېلان قىلىندى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە،  2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ،  مەملىكەت بويىچە تېزىمغا ئالغان ئېغىر روھى توسالغۇغا ئۇچرىغان  بىمارلار 429.7 تۈمەنگە يەتتى ، % 96 . 9  بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم ياكى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر % 83.6 كە يەتكەن.
 دۆلەتلىك ئېغىر دەرىجىدە روھى توسقۇنلۇققا ئۇچراش باشقۇرۇش سىستىمىسىنىڭ سىتاتىستىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا ، بىمارلارنىڭ ئەر – ئايال نىسبىتى 1.07:1  ، روھى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئائىلە كىسەللىك  تارىخى بارلار %67 4.بولغان . تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر  %83.6 كە يەتكەن.  18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك كۈچىدىن قالمىغان نوپۇسلار 76.1 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بىمارلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتى %55.3 كە يەتكەن .
 دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دىيىشچە،  ئېغىر دەرىجىدە روھى توسالغۇغا  ئۇچرىغان بىمارلار جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىزلار بولۇپ ، نامراتلىق نىسبىتى يۇقىرى ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئومۇمىيۈزلۈك بىر قەەدر تۆۋەن، داۋالاشنى قوبۇل قىلىشچانلىقى تۆۋەن ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشى يىتەرلىك ئەمەس ئىكەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ سىستېمىغا ئاساسلانغاندا ،  2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە 2727 ناھىيىدىكى 5.7تۈمەن ئابونتلار بۇ سىستىما ئارقىلىق بىمارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش ئېلىپ باردى. بىمارلارنى باشقۇرۇش نىسبىتى %73.2 كە يەتتى ،%96.9بىمارنىڭ ئەھۋالى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملاشتى .
    ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىستاتىسكا قىلىنىشچە، نۆۋەتتەمەملىكەت بويىچە  روھىي كىسەللىكلەر سەھىيە كەسپىي ئاپپاراتى 1650، روھى كىسەللىكلەر كارىۋات سانى 22.8تۈمەن ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 10مىڭ نوپۇسقا 1.71 كارىۋات توغرا كىلىدىكەن ،بۇ سان يىقىنقىيىللاردىن بۇيان  كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولسىمۇ ، لىكىن دۇنيا ئوتتۇرىچە ھەر 10مىڭ نوپۇسقا 4.3كارۋات سانىدىن  خىلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ .
   ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر 100 مىڭ نەپەر نوپۇسنىڭ ئىچىدە 1.49 روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى توغرا كىلىدۇ . 
روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى سانىدا ئېشىش بولۇپ ، 20 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر 100 مىڭ نەپەر نوپۇسقا 1.49 روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈم دوختۇرى توغرا كەلگەن .  دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىلەش ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ بىڭ : دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ،  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگونىڭ روھى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ سانى ئازلىدى »دېدى .                                               
〃ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى ستاتىستىكىغاا قارىغاندا ، مەملىكەت بويىچە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ناھىيە ۋە رايونلاردىكى سەھىيە ئاپپاراتلىرى قۇرۇلمىغان » دېدى ۋاڭ بىن .روھىي كىسەللىكلەر دوىتۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى بولسا روھىي كىسەللىكلەر سەھىيە كەسپىي ئاپپاراتى قۇرۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. دوختۇر سانى ، روھىي ساغلاملىق ئاپپاراتىنىڭ قىلىش قەدىمىنى قىلىدىغان ئادىمىنى قوبۇل قىلالمىغان .
    مەملىكەتلىك روھىي ساغلاملىق ئۇنۋېرسال باشقۇرۇشنى سىناق قىلىش نۇقتىسى خىزمىتىدا 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر بىر يېزا - بازار شىپاخانىسى ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇشتۇرۇش ، ئاز بولغاندىمۇ بىر نەپەر روھىي سەھىيە كەسپىي خادىمى تەربىيىلەشنى ئوتتۇرغا قويدى .
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتوتى ئوقۇغۇچىسى مۇيەسسەر ئابدۇرىشىت تەرجىمىسى
مەنبە : http://news.mydrivers.com/1/450/450430.htm
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر