شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىنسانلار ئۇرۇقى ئامبىرىنىڭ «سىرى»نى ئېچىش

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 5-ﻣﺎﺭﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻧﺎ-ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2-ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ «ﭼﯜﻣﭙﻪﺭﺩﻩ»ﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ.

 ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ 24-ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 30 ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 432 ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻰ ﺳﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.

«ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ» ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ

ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻗﺎﭖ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. 500 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻕ (ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ) ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻳﻰ، ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺷﯚﺑﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﯞﺍﯓ ﺷﻴﺎﯞﺟﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻳﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.

ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻳﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 4-5 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻛﯚﺯﻧﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺮﯨﺴﻠﻮ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ، ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻛﯚﻟﭽﯩﻜﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯚﻳﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 60-70 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﯩﻐﺎ 500-700 ﺋﯜﻟﯜﺵ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ 1.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯚﺕ ﭼﺎﺳﺎ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ 20 ﻣﯩﯔ ﺋﯜﻟﯜﺵ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

ﯞﺍﯓ ﺷﻴﺎﯞﺟﯜﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ℃196-، ﺑﺎﻛﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﯞﻩ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ‹ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﻰ› ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺑﺎﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ.»

ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ

ﯞﺍﯓ ﺷﻴﺎﯞﺟﯜﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻗﻘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻗﻘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻨﻼ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ»، «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ»، «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ» ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺑﻪﻟﮕﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

«ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺋﯩﺮﺳﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ-ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻨﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﻏﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﺪﻯ ﯞﺍﯓ ﺷﻴﺎﯞﺟﯜﻥ.

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ «ﻗﻮﺵ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻟﯘﻕ» ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﯜﭼﻰ-ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ «ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ»، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ: «ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 26 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ، ﺳﻪﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﺴﯩﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ-ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﯞﺍﯓ ﺷﻴﺎﯞﺟﯜﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ: ﻳﯧﺸﻰ 22~45 ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻪﺭ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺮﺳﯩﻲ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺯﻩﮪﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﯩﮕﻪﻥ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﯘﻟﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2~3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ. 4-ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 40 ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ 10 ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.»

ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 8-10 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﻪﭘﺘﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻘﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺯﯗﻛﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻭﭘﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﺍ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر