توردا ساختا دورا ساتقان دۇكاندارغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دورا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت دورىلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋاڭ يوڭگاڭ قاتارلىقلار چېگرا سىرتىدا ئىشلەنگەن جەمئىي 1 مىليون 900 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى دورىنى سېتىش ئۈچۈن كۆپلەپ تاۋباۋ دۇكىنى ئاچقان. 2016-يىلى 6-ئايدا، ۋاڭ يوڭگاڭ قاتارلىق 7 كىشى يالغان دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان. ۋاڭ يوڭگاڭ ۋە ۋاڭ خەيلياڭ قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ يوڭگاڭ ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى لىن فامىلىلىك دورا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت دورىلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا «شياڭگاڭ خۇڭفېڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش تورى» قۇرۇپ، چېگرا سىرتىدا ئىشلەنگەن دورىلارنى ساتقان. لىن فامىلىلىك دورا بۇيۇملىرىنى دۆلەت ئىچىگە تۇشۇپ ئەكىرىشكە، ۋاڭ يوڭگاڭ توردا سېتىشقا مەسئۇل بولغان. سېتىلغان دورىلارنى ساقلاش، تاپشۇرۇۋېلىش ۋە تارقىتىش ھەمدە پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ۋاڭ خەيلياڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە تۇرۇپ بىر تۇتاش مەسئۇل بولغان.
سېتىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، 2013-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ۋاڭ يوڭگاڭ ئارقا-ئارقىدىن نەچچە ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ «شياڭگاڭ خۇڭفىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىكى»، «شياڭگاڭ بەيباۋيۈەن دۇكىنى»،  «شياڭگاڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى» قاتارلىق ئون نەچچە تاۋباۋ تور دۇكىنى ئاچقان ھەمدە جاۋابكار جاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنى مۇناسىپ تاۋباۋ تور دۇكانلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ ياللاپ ئىشلىتىپ، جاۋابكار ليۇ فامىلىلىك ئاچقان «خۇاچياۋ ئوقەتچىلىكى»، جاۋابكار جوۋ فامىلىلىك ئاچقان «شياڭگاڭ خوڭۋېي ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش دۇكىنى» قاتارلىق تاۋباۋ تور دۇكانلىرىدىن ئىمپورت دورا رويخەت گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ سېتىلغان «بۇقا» (公牛) يۈرۈشلۈكلىرى قاتارلىق چېگرا سىرتىدا ئىشلەنگەن دورىلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى سېتىۋالغان دورىلارنىڭ رەسىمى ۋە ئۇلىنىشىنى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن تاۋباۋ تور دۇكىنىدا قويۇپ ساتقان.
دېلو بايقالغانغا قەدەر، ۋاڭ يۇڭگاڭ ساتقان يۇقىرىدا سۆزلەنگەن دورىلارنىڭ سوممىسى 1 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
2016-يىلى 6-ئايدا، سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ۋاڭ يوڭگاڭ قاتارلىق 7 جاۋابكارنىڭ ھەممىسى ساختا دورا سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلىنىپ جازالانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋاڭ يوڭگاڭغا مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. ۋاڭ خەيلياڭ مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
ۋاڭ يوڭگاڭ ۋە ۋاڭ خەيلياڭ قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
يېقىندا، پېڭپەي ئاخباراتى مۇخبىرىنىڭ خۇەيئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى سوتىدا ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنغان.
مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، بۇ دېلو جياڭسۇ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2016-يىلىدىكى يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىغا ئائىت 10 چوڭ تىپىك دېلونىڭ بىرى بولۇپ، باشقىلىرى يەنە ساختا ساغلاملىق بۇيۇملىرى، جىنسىي ساغلاملىق بۇيۇملىرى، «يۇندا ياغ» ۋە سۇ ئوكۇل قىلىنغان كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر