بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
 ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمما سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلمىگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا مالىيەدىن تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ئىئانىسى، نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۇ يىل 12 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئائىلە ئەزالىرىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا %100 قاتناشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنى ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان – قاتناشمىغانلارنى ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماي، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ نومۇر ئۆچۈرۈش، بىر كىشى سۇغۇرتىغا قاتناشسا، بىر كىشىنىڭ نومۇرىنى ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر