دۇنيادا 300 مىليون ئادەم جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بېتا تورى 23-ئاپرېل خەۋىرى، ئەرخەۋەر تاراتقۇسى تەرجىمىسى.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 21-ئاپرېل جەنۋەدە دوكلات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 325 مىليون كىشىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك B ياكى C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى، ئاممىۋى ساغلاملىق جەھەتتىكى بۇ چوڭ خەۋپىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا موھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن.
 دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى 1 مىليون 340 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ سان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ھالبۇكى، ھازىر ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەكسىچە ئۆرلەۋېتىپتۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فۇجېن مۇنداق دېگەن: ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى زور تەھدىت، چوقۇم جىددىي ئىنكاس قايتۇرمىساق بولمايدۇ. جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدىغان ۋاكسىنا ۋە دورىلار ئاللىقاچان دۇنياغا كەلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئېھتىياجلىق بارچە ئادەملەرنى قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەش خىل ئوخشىمىغان جىگەر ياللۇغى ئىچىدە، B ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، جىگەر ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن %96 كېسەللىك مىسالىنى مۇشۇ ئىككى تىپلىق جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. گەرچە، جىگەر ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلارغا B تىپلىق جىگەر  ياللۇغى ۋاكسىسىنىڭ ئەملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇش نىسبىتى تۆۋەنلەش ھالىتىگە كىرگەن. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، 2015-يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ %84ىگە جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭدىن ساقلىنىش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىگەن. 2015-يىلى، جۇڭگو بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقتىدىلا تۇنجى قېتىملىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىنىڭ ئەملىنىشىنى %96كە يەتكۈزۈپ، 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %1ئىچىدە كونترول نىشانىغا يەتكۈزگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر