لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايلى

شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى
خەبەر خالىق



لوقمان دوختۇرخانىسى 1981-يىلى قۇرۇلغان كىچىك بىر خۇسۇسىي ئامبۇلاتورىيەدىن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ساقلىقنى ساقلاش-ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2-دەرىجىلىك پۇقراۋىي دوختۇرخانىغا ئايلاندى. 2015-يىلى 7-ئايدا، دوختۇرخانىمىز شىنجاڭ خېنەن سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋاسىتىسى ئاستىدا، مېڭە پارالىچىنى داۋالاش «كېلەچەك پىلانى»نىڭ مەملىكەت بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئورنى ــــــ خېنەن رۇجۇ شەھىرىدىكى جىنگېڭ دوختۇرخانىسى بىلەن قوشماقلىشىپ، «ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ مېڭە پارالىچى بالىلارنى داۋالاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى ۋە لوپ ناھىيەسىدە ئۈچ «جىنگېڭ-لوقمان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى» ۋە «خوتەن ۋىلايەتلىك پارالىچ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقتى. مەن جىنگېڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ جاۋپۇ، شىنجاڭ خېنەن سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى فەن يوڭگىن ئىككى خەنزۇ ئاكام بىلەن قوشماقلىشىپ قېرىنداش بولدۇم. ئىككى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر-سېسترالىرىمۇ ئۆز-ئارا قوشماقلىشىپ ئۇرۇق-تۇغقان بولدى. شىنجاڭدىكى مېڭە پارالىچى بالىلارنى داۋالاش پائالىيىتى يەنە خېنەننىڭ رۇجۇ شەھىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق رىشتى باغلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 2017-يىلى 3-ئايغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 38 نەپەر مېڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بالا خېنەن رۇجۇ شەھىرىگە بېرىپ ھەقسىز داۋالاندى. بىزنىڭ جىنگېڭ-لوقمان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىمىز جەمئىي 994 نەپەر مېڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بالىنى داۋالىدى، بۇ بالىلارنى داۋالاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان مەبلەغ 50 مىليون يۈەندىن ئاشتى. خېنەن رۇجۇ شەھىرىدىكى جىنگېڭ دوختۇرخانىسى 5 نۆۋەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە مېڭە پارالىچى بولغان بالىلارنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بويىچە تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۈچ «جىنگېڭ-لوقمان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى» دا كەسپىي باھالاشتىن لاياقەتلىك بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشقان تېببىي خادىم 366 نەپەرگە يەتتى.
 

ھازىرغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەم، قەلبىم ئىختىيارسىز ھالدا چەكسىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولىدۇ. كۆڭلۈمگە شۇ نەرسە ناھايىتى ئايانكى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت-سەھىيە كومىتېتى، مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن، خېنەن ئۆلكىسى، رۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا پائال ياردەم بېرىشى، خېنەن شەھىرىدىكى جىنگېڭ دوختۇرخانىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۆلىشىدىن، خەنزۇ ئاكام سۇڭ جاۋپۇ، فەن يۇڭگېنلارنىڭ قىزغىن ياردىمى، شىنجاڭ-خېنەندىكى ئىككى دوختۇرخانىدىكى قوشماقلاشقان دوختۇر-سېسترالارنىڭ جاپلىق تىرىشىچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى. مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە غەمخورلۇقىنىڭ ھىمايىچىلىرى، نەپ ئالغۇچلىرى ئىدى.

ئىناقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ــــ ئاپەت. شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا يۈز بەرگەن كىشىنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغايدىغان  زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يامان تەسىرى تا ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق، ھەر مىللەت قېرىنداش خەلقنىڭ يۈرىكىگە چۈشكەن ئازاب يارىلىرى تېخى تەلتۆكۈس ساقايغىنى يوق. بۇ ئەشەددىي جىنايەت ۋە ياۋۇزلۇقلارنىڭ جاۋابكارى دەل «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىىيە. زوراۋان-تېررورچىلار پەيدا قىلغان قانلىق دېلولار، «ئۈچ خىل كۈچ»، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ شىنجاڭغا، خوتەنگە قىلىۋاتقان تەكرار زىيانكەشلىكىگە قارىتا، مۇنەۋۋەر كوممۇنىست، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» نى ئېلان قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»،«زوراۋانلىق-تېررورلۇق» قا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، بارلىق ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
مەن خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان-ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر، بىر پۇقراۋىي دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشتەك چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسى ئالدىدا، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىر قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» كە، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. تونۇشۇمنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، ئىنچكىلىشىشى، تورلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ چىڭدايمەن. دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەممەيلەننى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، دوختۇرخانىمىزدا «ئۈچ خىل كۈچ»، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قارشى «پولات سېپىل» قۇرۇپ،  داۋاملىق تۈردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ مېڭە پارالىچى بالىلارنى داۋالاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىمارلارنى كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە بەختىيارلىق بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر