ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﻛﺎﻟﻼ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ: ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﻛﺎﻟﻼ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ


Business Insider ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ.
ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯚﭼﯜﺭﺩﻯ.
ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺳﯧﺮﮔﯩﺌﻮ ﻛﺎﻧﺎﯞﯦﺮﻭ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺑﯩﻦ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺭﯦﻦ ﺷﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﻛﺎﻟﻼ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
«CNS ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ» ﯞﻩ «Therapeutics» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ «ﻛﺎﻟﻼ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ»ﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﯜﭺ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﭼﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﻼ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ.

ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﻼ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﺎﻟﻼ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﺩﻩ Werding Hoffman ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪﻧﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺳﯧﺮﮔﯩﺌﻮ ﻛﺎﻧﺎﯞﯦﺮﻭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر