ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺩﯨﻦ 50 ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
مەنبە: نۇر تورى

ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﻧﺴﯩﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﯘﺗﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ «ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ» ﻻﻳﯩﮭﻪﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺩﯨﻦ 50 ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ.
ﻳﯘﺗﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﯞﯨﻠﻠﯩﻴﺎﻡ ﻛﯘﺭﺩﯨﯟﯦﻞ «ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﺎ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ-ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ CTﺩﺍ ﺳﯩﻜﺎﻧﻨﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺳﯩﻜﺎﻧﻨﯩﺮﻻﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ «ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﻰ» ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﺭﯨﺘﻪ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ.
ﻛﯘﺭﺩﯨﯟﯦﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﺨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر