ئۈرۈمچىدە 1 ئوغۇل ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىپ 5 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لياۋ كەي ۋىرۇسلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى بىلەن بىز بىلەن خۇشلاشتى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى غايەت زور ئايرىلىش ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ ئىككى بۆرىكى، جىگىرى ۋە بىر جۈپ كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىپ، كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان 5 نەپەر بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىشنى قارار قىلدى.
لياۋ كەينىڭ دادىسى مۇنداق دېدى: ئوغلۇم بالنىستتا يېتىپ قالغاندىن بۇيان دوختۇرلار ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت 100 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق ياردەم قىلدى، گەرچە ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنى يەنىلا ساقلاپ قالالمىغان بولساقمۇ، جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىللىقلىقىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايمەن. بالام ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۆيىدىكى ئاخىرىقى پەيتلەردە ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەگەر ئوغلىمىز ئارىمىزغا قايتىپ كېلەلمىسە، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى، ئوغلىمىزنىڭ «ھايات»ىنى يەنە بىر خىل شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. ئوغلىمىزمۇ ئادەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى خۇشاللىق بىلىدىغان ياخشى بالا ئىدى...
ئىگىلىنىشىچە، لياۋ كەينىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغان 5 نەپەر بىمارنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. ھازىر شىنجاڭدا ئەزاسىنى ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياش، ئەڭ چوڭى 73 ياش بولۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئادەم ئەزالىرىنى خالىس ئىئانە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2000 نەپەرگە يېقىن كىشى ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى خالىس ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقان. ئەزالىرى زەئىپلىشىپ كاردىن چىققان 50 نەپەر كىشى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، 10 نەپەر بىمارنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئالماشتۇرۇلۇپ قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن. ئەگەر ئۆز ئەزاسىنى خالىس ئىئانە قىلىشنى خالىغۇچىلار بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر