بوۋاقلار ئۇپىسى راك پەيدا قىلغاچقا 110 مىليون تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى، ئامېرىكا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، مىسسورى ئىشتاتى لۇئىس شەھىرى سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا جونسۇن 强生 شىركىتىنى مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىلىق ئايالغا 110 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 760 مىليون يۈەن) تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئايال 40 يىلدىن بۇيان جونسون شىركىتىنىڭ بوۋاقلار ئۇپىسى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىكەن.


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى يەردىكى، بۇ، ئامېرىكا جونسۇن شىركىتىنىڭ بوۋاقلار ئۇپىسى تۈپەيلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇدا 4-قېتىم تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىشى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىز ئۆتكەن يىلى ئۇدا 2 نۆۋەت تارقاتقان ئىدى.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا مۇنداق بىر خەۋەر كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى: « ئامېرىكا جونسۇن 强生 شىركىتى بوۋاقلار ئۇپىسى تەركىبىدىكى تالك پاراشوكىنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى بارلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن 7 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى». ئاساسلىق مەزمۇنى، ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ شىركەتنى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر ئايالغا 7 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشكە كېسىم چىقارغان بولۇپ، بۇ ئايال ھايات چېغىدا نەچچە ئون يىلغىچە 强生 ماركىلىق بوۋاقلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇپىنى ئىشلەتكەن ئىكەن.


سىنا تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، 强生 شىركىتى سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ 51-قېتىملىق چاتاق چىققان مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىشى ئىكەن. ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 48 قېتىملىق يىغىۋېلىش دائىرىسىگە جۇڭگو كىرگۈزۈلمىگەن. 25-چېسلا،  强生 نىڭ جۇڭگودىكى شىركىتى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئىچكى ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئانىلار بەلكىم تالك پاراشوكى گىرىم ئۇپىسى ۋە بالىلار ئۇپىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتىرى راستتىنلا مۇشۇنچىۋالا چوڭمۇ؟ بالىلارغا يەنە ئۇپا ئىشلىتىمىزمۇ يوق؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بۇ مەسىلىلەرگە كەسپىي نۇقتىدىن جاۋاب بېرىدۇ.

ئۇپا تەركىبىدىكى تالك پاراشوكى راك پەيدا قىلامدۇ؟
تالك پاراشوكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ماگنىي سىلىكات دەيدىغان ماددا بولۇپ، بۇ خىل ماددا سىلىق، سۇدا ئېرىمەيدۇ، قاپلاش-يېپىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغاچقا، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ئۇپىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
تەبىئىي تالك پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە تاشپاختا تالاسى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، يېمەكلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا بۇ خىل تاشپاختا تالاسىنى قوشۇش خېلى بۇرۇنلا ئېنىق چەكلىنىپ، مەنئى قىلىنغان.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى Margaret Gates بۇندىن 5 يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر ئىلمىي ماقالىسىدە، ئاياللار جىنسىي ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ھەر ھەپتىدە تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولغان بالىلار ئۇپىسى بىلەن ئۇپىلىغاندا، تۇخۇمدان راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەتىرى %33 يۇقىرىلايدۇ، ھەر كۈنى ئىشلەتكەندە %41 گە يۇقىرىلايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى Daniel Cramer نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 10 مىڭ نەپەر ئايال تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولغان بالىلار ئۇپىسىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا تەتقىقاتلاردا، تالك پاراشوكى نەپەس يولى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىپ كەتسە، ئۆپكە راكى پەيدا قىلىش خەتىرى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى ئىلىمى جەمئىيىتى، نىيۇيورك جامائەت ساغلاملىقى مەھكىمىسى، ئورگانىك مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار ئىلگىرى تالك پاراشوكىنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان.
 


بالىلارغا ئۇپا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى جەمئىيىتى بوۋاقلارغا ئۇپا ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇندىن باشقا نۇرغۇنلىغان بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بالىلارغا ئۇپا ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ھازىر بەزى ئۇپا مەھسۇلاتلىرىغا تالك پاراشوكىنىڭ ئورنىغا كىراخمال، قوناق ئۇنىغا ئوخشاش ئۆسۈملۈك تەركىبلىرى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇلاردىمۇ ئوخشاشلا نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمۇ مەيلى بالىلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن، ئۇپىنىڭ تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۇپا ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئىسسىقلىق چىقىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
بەزى ئانىلار ئۇپا ئىشلەتمەسلىك دېمەككە ئوڭاي بولغان بىلەن، بالىلارغا ئىسسىقلىق چىقىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ دېيىشى مۇمكىن.
ئەلداۋا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
ئىسسىقلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش:
ئىسسىقلىق تەر ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەر بەزلىرى ئەتراپىدىكى ياللۇغدۇر. شۇڭا، بالىلارنىڭ تېرىسىنىڭ قۇرغاق، سالقىن تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بالىلار تۇرىدىغان مۇھىتىنىڭ بەك ئىسسىق، كىيىمىنىڭ بەك قېلىن بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەگەر ھاۋا بىرقەدەر ئىسسىق بولسا، بالىلارنىڭ قولتۇقى، بويۇنى، چاتراقلىرى، يوتىسى قاتارلىق جايلارنىڭ شامالداپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
كۆپ يۇيۇش، تېرىسىنىڭ پاكىز بولۇشىغا، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېرە پۈرلەشكەن جايلارنى پاكىز لۆڭگە بىلەن ئېيتىپ قۇرۇتۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
ئىسسىقلىق چىقىپ قالغاندا بىرتەرەپ قىلىش:
ئەگەر بالىلاردا ئىسسىقلىق ئانچە ئېغىر بولمىسا شامالدىتىش، قۇرۇتۇش قاتارلىق كۈندىلىك پەرۋىش ئۇسۇللىرى بىلەن ياخشىلاپ كەتكىلى بولىدۇ.
ئەگەر بالا بىئارام بولۇپ كەتسە،  لۇگەنشىجى 炉甘石洗剂 نى ئىشلىتىپ قىچىشىشنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.
ئەگەر تېرە باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغان بولسا، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ياللۇغ قايتۇرىدىغان سىقماق دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

مەزكۇر تېمىنى كۆرگەن ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىلار ۋە خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسىدىن چىقىپ، بۇ تېمىنى دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىغا تارقىتىپ كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر