تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

پىدائىيلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ئاممىغا گۆش پىشۇرۇپ تاماق ئېتىپ بەرمەكتە

 

 

پىدائىيلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ئاممىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا 

 ئۆز خەۋىرىمىز: 11-ماي سائەت 05:58 دە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش،  تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەۋپتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئەگەشمە ئاپەتتىن كېلىپ چىقىدىغان يارىلىنىش ھەم مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدارتارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئاپەت رايونىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.    

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى «جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىدارىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھەسى»نى قوزغىتىپ، 3-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 500 دانە چېدىر، 100 دانە يوتقان-كۆرپە، 1000 دانە كارىۋات، 1000 يۈرۈش پاختىلىق چاپان، 1000 دانە ئۇخلاش خالتىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

 

 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر