ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى تاشقورغاندا يىغىن ئېچىپ، يەرتەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئاچ ھەم سوغۇقتا قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك 

 لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا كېلىپ، نەق مەيداندا ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇنداقلا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

 جەرۇللا ھېسامىدىن 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دا قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، تۆت سائەتتىن ئارتۇق تاغ يولىنى بېسىپ تاشقورغانغا كەلدى. ئۇ ناھىيە بازىرىغا كېلىپلا ئۇدۇل ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، يارىلانغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 تاجىك موماي گۈلبەكنىڭ ئېرى يەر تەۋرەشتە بەختكە قارشى قازا قىلغان، ئۆزىنىڭ كۆكرەك ئومۇرتقا سۆڭىكى ۋە بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى يارىلانغان. جەرۇللا ھېسامىدىن دوختۇرخانىدا گۈلبەك مومايغا ھال سوراش پۇلى بەردى ھەم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىدىن بەك ئەندىشە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ مۇستەھكەم تايانچىڭلاردۇر، قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بولسا ئەنسىرىمەڭلار. گۈلبەك موماي جەرۇللا ھېسامىدىننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت! يەر تەۋرەپ ئۇزاق ئۆتمەي، ناھىيە، يېزا كادىرلىرى كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋالدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بولمىغان بولسا، ھازىرغىچە ياشىيالمىغان بولاتتىم! جەرۇللا ھېسامىدىن گۈلبەك موماينىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچى تۇرغۇزۇپ، خاتىرجەم داۋالىنىپ، سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بەردى.

 قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى 4 – تارماق ئەترىتىنىڭ 1 – سېپىدىكى 50 ئوفىتسېر – ئەسكەر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا كېلىپ، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. تارماق ئەترەتنىڭ مەسئۇلى جەرۇللا ھېسامىدىنغا مۇنداق دېدى: تارماق ئەترەتنىڭ 2 – سېپىدىكىلەر چوڭ ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا كەلدى. جەرۇللا ھېسامىدىن نەق مەيداندىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى ھەم مۇنداق دېدى: سىلەر ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپسىلەر، ئاپەت ئەھۋالىنى بۇيرۇق دەپ بىلىپسىلەر، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەردىن ھال سورايمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان تاشقورغان يېزىسىنىڭ قۇزغۇن كەنتىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى چېدىرلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئامما چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە يۆتكەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى ھەم 72 سائەتلىك ھالقىلىق قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى؛ جەرۇللا ھېسامىدىن چېدىرلارغا كىرىپ، ئاممىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ كەنتتىكى ئامىر ئەمەتشاھ ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشى بەختكە قارشى قازا قىلغان بولۇپ، ئامىر ئەمەتشاھ قاتتىق ئازاب ئىچىدە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. جەرۇللا ھېسامىدىن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىلەردىن كۆپ ئەنسىرىدى، بىز ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىمىز، كۆپچىلىك يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ ۋە داۋالىنىشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسىلا، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.

 ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كەچتە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ھال سوراش سۆزى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزدى ھەم ۋىلايەت، ناھىيە ۋە تارماقلار، قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

 جەرۇللا ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىز – دېرىكى بولمىغانلارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشقا قارىتىپ، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى، ھەر تەرەپتىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز؛ ئائىلىمۇ ئائىلە تەكشۈرۈپ، ئۆيى خەتەرلىك بولۇپ قالغان ئاممىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئۇلارنىڭ ئاچ ھەم سوغۇقتا قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئالدىن پىلانلاپ، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، كۆپ تەرەپ مەبلەغ توپلاپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى تېزدىن باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن غەمسىز ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ بىر قولدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يەنە بىر قولدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لى فايى ھال سوراشتا بىللە بولدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر