ئانا 3 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دىيارىم سەنئەت قانىلى تەرجىمىسى، ئانىلار بايرىمىدا ئامېرىكىدىكى بىر ئانا 3 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئوغلى 3يىل بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ۋە ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق 7 ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، شۇ چاغدا يۈرىكى بىر ياشانغان كىشىگە كۆچۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئانا دەل شۇ كىشىنىڭ تېنىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىدى.


رەسىمدە ئەننا تىڭشىغۇچ ئارقىلىق فىلىتنىڭ مەيدىسىدىن ئوغلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاۋاتىدۇ. ئەننا يەنە ئوغلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى ئۈنگە ئېلىنغان ئويۇنچۇق ئېيىقتىن بىرنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
2007-يىلى جەرىي فىلىتقا "غەيرىي قان كەملىك يۈرەك تىقىلمىسى" دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، يۈرەك يوغىناۋاتقان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا خىزمەت بىلەن چېنىقىشنى توختىماي داۋاملاشتۇرغان. 2014-يىلى 5-ئايدا ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، دوختۇر ئۇنىڭغا يۈرەك كۆچۈرۈش كېرەكلىكىنى، لېكىن ماس كېلىدىغان يۈرەكنىڭ چىقىشىغىچە ساقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 3 يىل بۇرۇن ئەننانىڭ 16 ياشلىق ئوغلى كاستېل ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا موتوسىكلىت مىنىۋېتىپ بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىدۇ، بىخەتەرلىك قالپىقى كەيمىگەچكە، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ئۆلۈپ كېتىدۇ. كاستېل ئەزا تەقدىم قىلغۇچى پىدائىي بولۇپ، يۈرىكى دەل جەرىي فىلىتقا كۆچۈرۈلگەن.

جەرىي فىلىت دائىم باشقىلارغا " گەرچە مەن 64ياشقا كىرگەن بولساممۇ، لېكىن مېنىڭ يۈرىكىم ئارانلا 18 ياش، مېنىڭ ئىككى تۇغۇلغان كۈنۈم بار، بىرىنچى تۇغۇلغان كۈنۈم 2-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنى مەن تۇغۇلغان كۈن، يەنە بىر تۇغۇلغان كۈنۈم بولسا 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇ كۈندە ماڭا كاستېلنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن.بۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا نۇرغۇنلىغان ئەھمىيىتى بار" دەيتتى.

ئەننا شۇ چاغدا ئوغلىنىڭ پراۋىسىدىن ئەزالارنى تەقدىم قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە قىلچە ھاياجانلىنىپ كەتمىگەن، چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بەرگۈسىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەن. ۋە "ئوغلۇم ماڭا ھاياتلىق سوۋغىسىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى" دېدى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر