شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

جۇ يۈ خەۋەر قىلىدۇ: شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى.

 ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى سائەت 5 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرەپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئاپەت رەھىمسىز، مېھىر – مۇھەببەت چەكسىز. شېنجېن خەلقى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە چوڭقۇر ئەھمىيەت بەردى، بىز ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇلارغا زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما چوقۇم ۋاقتىدا ئاپەتتىن قۇتۇلىدۇ ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى چوقۇم تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر