باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

چېن چۈەنگونىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

 گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نىڭ ئاپتورى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشان توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، سەمىمىي – ساداقەتمەن بولۇپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

 قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ بوستۇنگې فېرمىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام ئەركىنجان 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ياخشى كادىر بولۇپ، سەمىمىي – ساداقەتمەن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن. ھەر ۋاقىت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلىشىم كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھەق – ناھەق چېگراسىنى ئېنىق ئايرىش، مۈجمەل تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن.

 ماناس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئالىم ئىمىن ھەر قېتىم يېزا – بازارلارغا بېرىپ خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرغاندا، ئەتراپىدىكى كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىز ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە، تەشكىلگە سادىق بولۇشىمىز كېرەك.

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى سۈپەت نازارەتچىلىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەمەتجان ئەيسا مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن – ئاخىر مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن بولىمەن؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىكى بۇرچۇمنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق ئاساسىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەيمەن.

 ساۋەن ناھىيەسى ئۇلان ئۇس بازارلىق پارتكومنىڭ تەشۋىقات كادىرى مەدىنە ئىسمائىل مۇنداق دېدى: مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خىزمىتىمنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلەيمەن، بولۇپمۇ تەشۋىقات كادىرلىرىنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن.

 چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوغۇنچى يېزىسى ئۆرتەن كەنتى ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ئارزۇگۈل ئەكبەر مۇنداق دېدى: بۇ مەزگىلدە، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى دائىم ئۆگەندىم، بىر قېتىم ئۆگەنسەم، ئىدىيە ۋە قەلبىم بىر قېتىم لەرزىگە كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تەربىيەلەپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا – سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئابدۇراخمان ئابدۇغەنى مۇنداق دېدى: ھازىرقى زاماندىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتىن – ئاخىر تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئىش ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەپ، پائال ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

 جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايقىن دانىيار مۇنداق دېدى: چوقۇم ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن بولغان چەك – چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىمەن.

(مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، يۆ يەنيۈن، مېھرىگۈل ناسىر، ما يىنىڭ، لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ جۈنيىڭ، خې لۇڭ، شۈ ۋەنلى، دۈەن سۇسۇ)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر