دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن شاھزادە كەتتى...

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

پۇلۇم بار، نوپۇزۇم بار، دەپ زىنھار خام خىيال ئەيلىمەڭكى، پۇل-مال، شانۇ-شاۋكەت ھەممىسى ئەجەل ئالدىدا شامالدا قالغان پەي كەبى قەدىرسىزدۇر...

دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن شاھزادە دەپ قارىلىدىغان، ئەمدىلا 34 ياشقا كىرگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاھزادىسى شەيخ راشىدىن يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئۇ 1981-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، دۇبەي ئەمىرىنىڭ چوڭ شاھزادىسى ئىدى، بۇندىن باشقا ئۇ يەنە دۇبەيدىكى بىر قانچە شىركەتنىڭ غوجايىنى، بانىكىلارنىڭ چوڭ پايدارى ئىدى، فوربېس ژۇرنىلى ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر شاھزادە، دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

پۈتۈن دۇنيا بايلىقىغا، شۆھرىتىگە ھەتتا ھۆسنى-جامالىغا ھەۋەس قىلىدىغان بۇ شاھزادە كۈتمىگەندە، تۈنۈگۈن يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ھەممە-ھەممىنى تاشلاپ ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى...
شاھزادىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەڭ ياخشى ۋارىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھالبۇكى مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ماشىنىلار ئۆزىنىڭ ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى...

دەرھەقىقەت! ھايات مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ياكى 100 مېتىرغا تېز يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس! ساغلاملىق بولمىسا، ئالتۇن تاغنى باغاشلاپ ياتقان بولسىمۇ بىكار...

ھاياتتا پۇلى بانكىدا، ئۆزى قەبرىدە بولۇشتىنمۇ ئارتۇق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمىسا كېرەك.
بەلكىم باشقىلار سىز ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەپ بېرىشى، سىز ئۈچۈن پۇل تېپىپ بېرىشى، سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ بېرىشى، سىز ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ھېچكىم سىز ئۈچۈن ئاغرىپ، ئورنىڭىزغا كېسەل بولۇپ بېرەلمەيدۇ!

يوقاتقان ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن ياكى ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن، ئەمما بىرلا نەرسىنى يوقىتىپ قويساق ھەرقانداق قىلىپمۇ مەڭگۈ قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز، ئۇ بولسىمۇ ھايات!

ئارام ۋاقىتلىرىڭىزدا ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزدىكى ساغلاملىققا دائىر مەنپەئەتلىك مەزمۇنلارنى ئوقۇپ قويۇڭ، خالىسىڭىز، سالونىمىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى نادىر مەزمۇنلارنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. سالونىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن نەپ ئالالىشىڭىز ۋە شۇ ئارقىلىق تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېغىشلىنىشىغا تىلەكداشمىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر