2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 183 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى.

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 69 ئىمتىھان رايونىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق تەكشۈردى ھەم شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ئىمتىھان مەيدانى ۋە مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى سىنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ قوماندانلىق سۇپىسىدا جايلاردىكى ئىمتىھان ئەھۋالىنى ئېكران ئارقىلىق كۆزەتتى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىمتىھان مەيدانى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، جايلاردىن ئىمتىھان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمتىھاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىمتىھان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ، ئازادە ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇردى. ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى زور مىقداردا ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان 30مېيىپ ئوقۇغۇچىغا مەخسۇس ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ بېرىپ، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىش، خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىن كىرىش، ئاۋدىفون بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغان 22 ئوقۇغۇچىغا ئايرىم ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى تېببىي خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر