ئۈرۈمچىدە خىزمەتچىلەر ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مۇخبىرىمىز مەھلىيا ئىبراھىم خەۋىرى:

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-بازار خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ئىككى يىلدىن ئۇزۇنغىچە بالنىستتا ياتمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار بەلگىلەنگەن بەدەن تەكشۈرتۈش ئورۇنلىرىدا ھەقسىز بەدەن تەكشۈرتسە بولىدۇ، بەدەن تەكشۈرتۈش ھەققى داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى داۋالاش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-بازار خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ئىككى يىلدىن ئۇزۇنغىچە بالنىستتا ياتمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشى كىشى بېشىغا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ياتاقتا ئۇدا ياتمىغان ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسا ئاشقان ھەر بىر يىلى ئۈچۈن 200 يۈەن قوشىلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەندىن ئاشمايدىكەن، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشى تۈگىگەندىن كېيىن ۋاقىت قايتىدىن سانىلىدىكەن، 2017-يىلدىكى 600 يۈنلىك ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىنىپ ماڭىدىكەن.
سالامەتلىك تەكشۈرىشى بىر قېتىمدا ھېساپ ئۈزۈش بويىچە ھېساپ بوغۇلىدىكەن، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئۆزى تاللاپ تەكشۈرتكەن تۈرلەرنىڭ تەكشۈرۈش ھەققى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچى ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

سالامەتلىك تەكشۈرىشى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىكەن، ئۇلار بىرىنچىسى يۈرۈشلۈك تەكشۈرۈش تۈرلىرى، ئىككىنچىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش تۈرلىرى بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئىچىدە بولسىلا تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۆزى تاللىسا بولىدىكەن. بۇ سىياسەت 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىلىدىكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش سىياسىتى بىلەن شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ئىچىدە بىر يىلدا پەقەت بىرسىنى تاللاپ قاتنىشالايدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر