ساقچىلار تۈنۈگۈنكى «بالا بۇلاش» ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى ئېلان قىلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

新快报 خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: تۈنۈگۈن، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىدا يۈز بەرگەن بىر ئەرنىڭ بالا بۇلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
نەق مەيداندىكى لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن، بىر ئانا قىزىنى يېتىلەپ سودا سارىيىنى چۆگلەۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن بىر ئەر ئېتىلىپ بېرىپ قىزنى كۆتۈرۈپلا ئېلىپ قاچماقچى بولغاندا، بۇ قىز قاتتىق چىرقىرىغان، دادىسى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەرنى تۇتۇۋالغان. ئۇ ئەر تۇتۇلغاندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇ قىزنى ئۆزىنىڭ قىزىغا ئوخشىتىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئەر ئالدىغا كەلگەندە ئانا بالىنى ئىتتىرىپ سودا سارىيىغا كىرىپ كەتتى

بىرىنچى قېتىملىق بۇلاشتىن قۇتۇلۇپ قالدى

ئىككىنچى قېتىم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئانىنى ئىتتىرىۋېتىپ بالىنى بۇلىماقچى بولدى

بەختكە يارىشا بالىنىڭ دادىسى ۋاقتىدا پەيدا بولدى

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ ئانىسى دوستلار چەمبىرىكىدە يازمىچە قىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان، شۇ كۈنى قىزىنى ئېلىپ سودا ساراينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە يېقىن ئەتراپتا شۇ ئەرنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، ئاندىن بۇ ئەرنىڭ كۆز ئالدىدىن يىراقلاش ئۈچۈن ماڭغاندا، بۇ ئەر دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ ئاۋۋال ئايالنى بىر ياققا ئىتتىرىپ، ئاندىن بالىنى زورلۇق بىلەن بۇلاپ ماڭماقچى بولغان، بەختكە يارىشا بالىنى دەل ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ئېلىۋالغان.
بالىنى بۇلىغۇچىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئوچۇق ئەمەس، تەپەككۇرى قالايمىقان


مۇخبىرلارنىڭ ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 16دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە ناتونۇش ئەر لىنXX(35ياش، جاۋچىڭ شەھىرىدىن) يۆشيۇ رايونى شىخۇ يولىدىكى مەلۇم بىر تەنتەربىيە سارىيى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ۋەقە سادىر بولغۇچى يېXXنى كۆرۈپ قالىدۇ، ۋە يېXXنى غايىۋى مەشۇقىدەك ھېس قىلىدۇ، ئاندىن ئەگىشىپ مېڭىپ ئانىنى قۇچاقلىۋېلىپ بالىنى ئېلىپ قاچماقچى بولىدۇ. كېيىن لىنXXيېXXنىڭ ئېرى ۋە نەق مەيداندىكى كۆپچىلىك تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ساقچى تەرەپ لىنXXنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ سوراق قىلغاندا، لىنXXنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئېنىق ئەمەس ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بىنورماللىقى مەلۇم بولغان. دوختۇرلارمۇ لىنXXدا خىيالپەرەسلىك (ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇشى كېسىلى)  ۋە روھىي توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى بار، دەپ دىياگنوز قويغان، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ روھىي كېسەل ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ھازىر داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ساقچىلار لىنXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۇنىڭغا ياخشى قاراشنى، نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
ئاتا-ئانىلار بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ ئانىلار، چوڭئانىلار بالىلارنى ئېلىپ سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە قاتتىق دىققەت قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى بىر ئەر كىشى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ئادەتتە بالىغا تەربىيە بەرگەندىمۇ ناتونۇش ئادەملەر بىلەن ماڭماسلىقنى بىرەر ئىش بولسا ساقچىدىن ياردەم سوراش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش لازىم.
ئاخىرىدا، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى سورايىمىز!!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر