يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ھەسەنجان بېيجىڭدا شەرەپ قۇچتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 15-ئىيۇن خەۋىرى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى 4- تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ھەسەنجان تىلىۋالدى، خۇاڭ خاۋرۇڭ جۇڭخۇا تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلىرى شۆبە جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك ياش دوختۇرلارنىڭ داۋالاش ماھارىتى مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭ رايونى مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئېرىشتى.
 
مەزكۇر بېيجىڭ رايونى مۇسابىقىسىگە جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى، 4-ئارمىيە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شى جىڭ دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئېلىمىز بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن 36 نەپەر دوختۇر قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقە نەزەرىيە ۋە داۋالاش ئەمەلىي ماھارىتىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك بويىچە كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. ھەسەنجان تىلىۋالدى قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك كۈچلۈك رىقابەتچىلەرنىڭ يېڭىپ 1-دەرىجىگە ئېرىشىشى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ داۋالاش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى، كەسپىي نەزەرىيەۋى ئاساسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيە بىلەن ماس قەدەمدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
 
ئاخىرىدا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بۇ ئىككى شىنجاڭلىق ياش قابىل دوختۇرنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ يەنە زەپەر قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر