ئالىملار «نىكاھ غايىب» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
ئۇيغۇرلاردا «نىكاھ غايىپ، كىم بىلەن توي قىلىش ئادەمنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن...» دەيدىغان گەپ بار. يېقىندا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، ئالىملار ئەر-ئاياللارنىڭ DNA سىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەت ھەقىقەتەنمۇ « نىكاھ غايىب» بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، دەپ قارىغان.
 
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ بىرلىشىپ ئىشلىگەن بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالىملار ئەر-خوتۇنلارنىڭ «تەقدىر» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توي قىلىپ ئۆمۈرلۈك سەپداش بولۇشى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىرايىنىڭمۇ «ئوخشاش» بولۇپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇلارنىڭ گېنىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن، نەچچە ئەۋلاد ئىلگىرى ئورتاق بىر ئەجدادقا ئىگە بولغانلىقىدىن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مىللەت، تىل، دىن ياكى يۇرت، مەكتەپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە يوشۇرۇنغان گېن تىپىمۇ ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق «باش قوشۇش» ىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، گېن گۇرۇپپىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەمما يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان بولمىغان كىشىلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى بەكرەك جەلپ قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا نىكاھ سەپىرىگە بىرگە قەدەم قويىدىكەن.
880 جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرى ئۈستىدىن نەچچە ئون يىل ئىشلەنگەن بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئالىملارنىڭ مۆلچەرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن، ئالىملار ئەڭ دەسلەپ ئوخشاش بىر رايوندىكى كىشىلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسىمۇ ئۆز-ئارا يېقىنلىشىپ كەتكەچكە، شۇنداق نەتىجە چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەمما، تەتقىقاتتا ئوخشاش بولمىغان، يىراق-يىراق جايلاردىكى كىشىلەرنىڭمۇ گېنىنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ نۇقتىدىن تامامەن باشقا يۇرتلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەتتا باشقا مىللەت، ئىرقلارغا تەۋە بولغان ئادەملەرنىڭ تاسادىپىي پۇرسەتلەردە تونۇشۇپ نىكاھ سەپىرىگە قەدەم قويۇشى ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.
 
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېن ئوخشىشىپ قېلىش دېگىنى گېن بۆلەكلىرىدىكى DNA تەرتىپى ۋە ئىشقار رادىكالى سانىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان گېنگە ئىگە بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىىن، «چىرايغا قارايدىغان بۇ جاھان» دا ئادەملەر ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا توختىماستىن «گېن تاسقاپ» ئۆزى بىلەن ئوخشاش گېنگە ئىگە «سەنەم ياكى غېرىبجان» نى ئىزدەيدىكەن، ئوخشاشلىرى ئۇچرىغاندا تەبىئىيلا ناھايىتى ئوڭاي قارشى تەرەپنى قوبۇل قىلىپ نىكاھ سەپىرىنى باشلايدىكەن.
 
بۇندىن باشقا، ئالىملار يەنە يېقىن دوستلارنىڭ گېنىدىكى DNA مۇ ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ كېتىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر