مۇتەخەسسىسلەر راك كېسىلىنىڭ يېڭى دورىسىنى ياسىدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 مۇتەخەسسىسلەر راك كېسىلىنىڭ يېڭى دورىسىنى ياسىدى

يېقىندا ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات نەتىجىلىرى يېغىنىدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز ھازىر ياساپ بولۇش باسقۇچىغا كىرگەن ‹لاروترېكتىنىب› ناملىق دورىنى سىناق قىلىش نەتىجىسى سۈت بېزى راكى، ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى، بالاياتقۇ راكى، مېڭە راكى، دوۋساق راكى ۋە جىگەر راكى قاتارلىق كۆپ خىل يامان سۈپەتلىك كېسەلگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى؛ ئالدىنقى مەزگىللىك سىناقنىڭ نەتىجىسى بۇ دورىنىڭ قان راكى (ئاق قان كېسىلى) گە داۋا بولىدىغانلىقى دەلىللەنگەنىدى».
 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ نەتىجىلەرگە بۇ دورىنى چاشقان ئۈستىدە سىناق قىلىش داۋامىدا ئېرىشكەن، ھەتتا بۇ خىل دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولىدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان، شۇنداقلا كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەييارلىقىنىمۇ تاماملىغان، مۇتەخەسسىسلەر بۇ باسقۇچنى پات ئارىدا باشلايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بۇ دورىنى پات ئارىدا كىلىنىكىدا ئىشلىتىشنى باشلايمىز، شۇ چاغدا ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئاغرىقلار داۋاملىق ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى بىز بۇ دورىنىڭ راك ھۈجەيرىسىنى تامام يوقىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز».
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر