كورېيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى دىلرەبا | دىلرەبا كورېيە تېلېۋىزىيەسىدە

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى خەۋىرى، دىلرەبا يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭق چىقىرىپ كەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا دىلرەبا كورېيەدىكى تاماشىبىنلارنىڭمۇ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلانغان. بۇ راستمىدۇ؟
 
دىلرەبا گەرچە كورېيەدە نەتىجە قازانمىغان، كورېيە فىلىملىرىدە رول ئالمىغان بولسىمۇ، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەردىكى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىدىكى تامامەن ئۆزگىچە پۇراقى بىلەن كورېيەدىكى «گازىرچى تاماشىبىن» لارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەھرىرىنىڭ تورلاردىن ئىگىلىشىچە، دىلرەبانىڭ كورېيەدىكى پىنتوزا (مەستانىلىرى) لىرىنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەسكەن. ھەتتا كورېيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى دىلرەبا ھەققىدە مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەپ، ئۇنى كورېيە ئاممىسىغا تونۇشتۇرغان.
 
مەزكۇر فىلىمدە، دىلرەباغا جۇڭگودىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ياش چولپانلارنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى چون سوڭيى (来自星星的你 فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى، بۇ رولنى ئالغۇچى كورېيەنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپىنى چۈەن جېشيەن، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك فىلىملىرىدىن 我的野蛮女友 ، 盗贼同盟 ، 来自星星的你  قاتارلىقلار بار) دەپ، ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئوتتۇرا ئىقلىم كىشىلىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدىغان ئۆزگىچە گۈزەل ھۆسن-جامالغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، كەسپىي جەھەتتىنمۇ ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت ۋە تىرىشچانلىق روھىغا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغان ئېلىنغان. 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر