ئالىي مەكتەپلەردە زەھەر چەكلەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 1.jpg

   ئەخمەت قۇربان خەۋىرى، فوتوسى: 2017-يىلى 30-قېتىملىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، «26-ئىيۇن» خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت كومىتېت ئىشخانىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 8-دېۋىزىيەسى زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە «باش نىشاننى چۆرىدەپ شىنجاڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش سەپىرى پائالىيتى» نى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتىن كېيىن زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشكە بەل باغلىدى.

7.jpg

ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئىنسانىيەت جەمئىيتى بىر تۈركۈم تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ئىككى زەھەرلىك ئۆسمە پۈتۈن دۇنيادا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە: 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكىتىمىزدىكى ھايات ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 665 مىڭغا يەتتى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 209 مىڭغا يەتتى. شىنجاڭدا 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە %20 دىن كۆپرەكى زەھەر چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەر يىلى 15 ~ 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ كېسەل تارقىتىش نىسبىتى مۇشۇ ياش ئۆلچىمىنىڭ %48 ىنى ئىگىلىدى. ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ بۇ خىل جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش، زەھەر چېكىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىق خەتەرلىك قىلمىشلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېشىپ باردى.

3.jpg

ياش زەھەر چەككۈچىلەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولالمىغاچقا، زەھەر چەكسە ئاسان خۇمار بولۇپ قالىدىكەن، زەھەر بەدەننىڭ مۇھىم ئەزالىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالار ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئورتاق ئىشىپرىس ئىشلىتىش ئارقىلىق HIV، HCV ، سىفلىس قاتارلىق كېسەللەر يۇقۇش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. زەھەر چېكىش يەنە ئادەمنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى كونترول قىلالماي خەتەرلىك جىنسىي قىلمىشلار يۈز بەرگەندە، بەزى جىنسىي كېسەللەر ئاسان يۇقۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەر چەككەندە ئۆزىنىڭ بەدىنىگە زىيان ئېلىپلا كەلمەستىن، ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ ۋەيران قىلىپ، جىنايەت يولىغا كىرىپ قالىدۇ، ھەتتا باشقا ياش-ئۆسمۈرلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ باشقىلارنى يامان يولغا باشلايدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بەلكىم بىر ئادەمنىڭ زەھەر چېكىشى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنى نەس بېسىشى مۇمكىن.

شۇڭا بارلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن چوقۇم زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ياشلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ نۇرلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ دەۋرىمىزگە، جەمئىيتىمىزگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

6.jpg

5.jpg

2.jpg

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر