ئۈرۈمچىدە 10 ياشلىق بالىنىڭ كۆزى چىش كولىغۇچ ئوقياسىدىن زەخىملەندى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: نەچچە كۈندىن بېرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مودا بولغان يېڭى ئويۇنچۇق چىش كولىغۇچ ئوقياسىدىن ھەزەر قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۈندىدارنى بىر ئالغان ئىدى. كۈتمىگەندە بۈگۈن ئۈرۈمچىدە 10 ياشلىق بىر ئوغۇلنىڭ كۆزى دەل مۇشۇ چىش كولىغۇچ ئوقياسىدىن زەخىملەندى.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كۆزى زەخىملەنگەن بۇ ئوغۇلنى بالنىستقا ئېلىپ داۋالاشنى باشلىغان، بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئوغلى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ، مەكتەپتىن قايتقۇچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بۇ خىل چىش كولىغۇچ ئوقياسىنى ئېتىشىپ ئوينىغان، كۈتمىگەندە بىر چىش كولىغۇچ ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنى زەخىملەندۈرگەن. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە چىش كولىغۇچ كۆزگە 5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى تېشىۋەتكەن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىسىنى تىكىشكە توغرا كېلىدىكەن ھەمدە پۈتۈنلەي ساقىيىشى ئۈچۈن خىلى ئۇزاق بىر مەزگىل كېتىدىكەن. ھەممىدىن چاتاق يېرى، كۆرۈش ئىقتىدارى زەخىملىنىشتىن ئاۋۋالقى ھالەتكە قايتالمايدىكەن.


يېقىندا ئالىقان چوڭلۇقىدىكى، چىش كولىغۇچنى ئوق ئورنىدا ئاتىدىغان بىر خىل ئوقيا ئويۇنچۇق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مودا بولۇشقا باشلىدى. تورداشلارنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئوقيا قاڭالتىردىن ياسالغان ئىچىملىك بوتۇلكىلىرىنىمۇ ئوڭايلا تېشىۋېتەلەيدىكەن، ئەگەر ئوقىنى تۆمۈر يىڭنىگە ئالماشتۇرسا ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ خېلى چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېڭدۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىڭياڭ ناھىيەلىك تارماق ئىدارىسى بىرىنچى ۋاقىتتا بۇ خىل ئويۇنچۇقنى ساتىدىغان دۇكانلارنى ئىستاتىستىكىلاپ چىقىپ ماللارنى ۋاقتىدا يىغىۋالدى.

بۇ ئويۇنچۇق ئاللىقاچان شىنجاڭ بازارلىرىغا كىرىپ بولغان بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ خىل خەتەرلىك ئويۇنچۇقنى سېتىشنى مەنئى قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان. ئۈرۈمچىدە ئىككى تىجارەتچىگە چىش كولىغۇچ ئوقياسىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك ۋە 5 كۈنلۈك مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بولغان نازارەت ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئويۇنچۇقلارنى ئەپ بېرىشى ۋە بالىلارنىڭ بىھۇدە زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن دوستلاردىن دەرھال كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!. 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر