يازدا تەرخەمەك يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
يازدا تەرخەمەك يېسە مۇنداق پايدىسى بار:
 
سۇ تولۇقلايدۇ
 
تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى ھەرقانداق مېۋە  - كۆكتاتنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، %96.7 كە يېتىدۇ. شۇڭا، يازدا ئادەم سۇسىزلانغاندا كۆپرەك سۇ ئىچكەندىن باشقا، تەرخەمەكنى كۆپرەك يېسە، بەدەنگە سۇ تولۇقلايدۇ.
 
ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ
 
تەرخەمەك تەركىبىدە مول ئاقسىل، قەنت تۈرىدىكىلەر، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. تومۇز ئىسسىقتا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، نەرسە يېگۈسى كەلمىگەندە تەرخەمەك يېسە، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
 
ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ
 
 ئېغىز پۇراشنىڭ سەۋەبى ــ ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى. تەرخەمەك چىش مىلىكىگە پايدىلىق بولۇپ، دائىم تەخەمەك يېسە، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرخەمەك تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەزى ئېغىز پۇراشنىڭ سەۋەبى قەۋزىيەت بولۇشى مۇمكىن.
 
ئورۇقلىتىدۇ
 
تەرخەمەك تەركىبىدىكى پىروپانول دىئاتسىد قەنتنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى توسسا، تەركىبىدىكى سېلليۇلوزا زەھەرنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، شۇنداقلا سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق.
 
قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
 
تەرخەمەك تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن E نىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار؛ تەرخەمەك ئېنزىمى كۈچلۈك بىيوئاكتىپلىق بولۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرخەمەك سۈيىنى تېرىگە سۈرسە، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، قورۇقنى يوقىتىدۇ.
 
ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
 
تەرخەمەك تەركىبىدىكى ئالانىن، ئارگىنىن ۋە گىلۇتامىن جىگەر كېسىلى بىمارلىرىغا، بولۇپمۇ ئىسپىرت زەھەرلەشتىن بولغان جىگەر قېتىش كېسىلى بىمارلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە شىپا قىلىدۇ، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ
 
تەرخەمەك تەركىبىدىكى گىلىكوزىد، مېۋە قەنتى قاتارلىقلار ئادەتتە قەنتنىڭ ئالمىشىشىغا قاتناشمايدۇ. شۇڭا زىيابىتۇس بىمارلىرى كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا تەرخەمەك يېسە، قان قەنتى ئۆرلىمەيلا قالماي، ھەتتا تۆۋەنلەيدۇ.
 
تەرخەمەكنىڭ گەرچە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يېگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: مۇچ، شوخلا، پالەك، گۈلكەرەم، كىچىك يېسسىۋېلەك، ماندارىن، لىمون، ئاپېلسىن قاتارلىقلار بىلەن بىللە يېمەسلىك، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ يەۋالماسلىق، يۇيۇپ يېيىش، سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ قىيما قىلىپ يېمەسلىك، شۇلتا قوشۇپ ياكى قاينىتىپ يېمەسلىك كېرەك.
 
ئەسكەرتىش: تەرخەمەكنى يېگەندىن باشقا، يالپاقلاپ يۈزگە چاپلىسا، تېرىنى يۇمران قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر