شىنجاڭلىقلار سېمىزلىكتە مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلدى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
10 شىنجاڭلىقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. ئوزۇقشۇناسلار شىنجاڭلىقلارنىڭ نېمىشقا ئاسان سەمرىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى.
گۆشنى كۆپ يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەپلىك چېنىقىشنىڭ ئاز بولۇشى.... ۋاھاكازالار. بىلەمسىز؟ سىز ئېسىل غىزالاردىن ھۇزۇرلىنىپ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىۋاتقىنىڭىزدا، سېمىزلىكمۇ ئاستا-ئاستا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىن ئۆزىگە ئورۇن راسلاپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
يېقىندا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەل ۋە خەتەرلىك ئامىللارنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتىدە شىنجاڭ 3-ئورۇندا تۇرغان، سېمىزلىك نىسبىتى %21.5، ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %33 بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە نىسبەت ھېسابلىنىدىغان %11.9 ۋە %30.1تىن ئېشىپ كەتكەن.
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىرلىقنى كېمەيتىش ۋە مېتابولىزىم تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2009- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، يەنى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئېپىزوئوتولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %38-%35 كىچە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %40تىن يۇقىرى بولغان.
ئۇندىن باشقا، بۇ دوختۇرخانا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا قارىتا بىر تۈرلۈك تار دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىگەللەنگەن بۇ مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىمۇ %40كە يېقىنلاپ قالغان.
ناۋادا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنى سېمىز كىشىلەر دائىرىسىگە كىرگۈزسەك، ھەر 10 شىنجاڭلىقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سېمىز كىشىلەردىن ئىكەن.
ئۇنداقتا، شىنجاڭدا سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نەدىن كەلگەن؟ بۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت بېسىمى دېگەندەك ئامىللار سەۋەپچى بولىدىكەن، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى ئامىل ئىكەن. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياۋ جۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «يېمەك-ئىچمەك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق كاربوگىدراتلار، گۆش، تۇخۇم، سۈت ۋە ياغلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىش-كەتمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.»ياۋ جۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىشى، ئالدى بىلەن خېمىر تاماقلارنى كۆپ يەيدىغان ئادىتىدىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى گۈرۈچ ۋە ئۇننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپ پەرق قىلمايدۇ. لېكىن نېمىشقا خېمىر تاماقنى كۆپ يېسە، ئاسان سەمىرىيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى دەل گۈرۈچ بىلەن ئۇننىڭ پىشقان چاغدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا، 100 گرام گۈرۈچتە 250 گىرام گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) قىلغىلى بولىدۇ، بىراق 100 گرام ئۇندا 140 گرام جىڭموما ياكى 120 گرام لەغمەن قىلغىلى بولىدۇ.
ياۋجۈنيىڭ مىسال ئارقىلىق، بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشى بىر ۋاقلىق تامىقىدا 250 گرام تاماق يېسە، تويۇش ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، گۈرۈچ تاماق يېسە، ئۇ پەقەت 100 گرام گۈرۈچنى خام ئەشيا قىلسىلا بولىدۇ، جىڭموما يېيىش ئۈچۈن، 178 گرام ئۇن، لەغمەن يېيىش ئۈچۈن 208 گرام ئۇننى خام ئەشيا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭلىقلار كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ، بېلىق، راك، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق گۆش تۈرى مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا، كالا ۋە قوي گۆشلىرىدە ياغ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، ئوخشاش ھەجىمدىكى ياكى ئېغىرلىقتىكى كالا ۋە قوي گۆشىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ياغ مىقدارى باشقا گۆش تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
شىنجاڭلىقلار كاۋاپنى كۆپ يەيدۇ، كاۋاپ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائاملىرىنىڭ بىرسى. كاۋاپمۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىدىغان بىر ئامىل. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭلىقلار ھاراق ئىچىشكىمۇ ئامراق، ھەتتا «ھاراق بولمىسا سورۇن قىزىمايدۇ» دەپمۇ قويىدۇ. شىنجاڭلىقلار ھاراق ئىچكەندىمۇ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرتلىق ھاراقلارنى كۆپ ئىچىدۇ، مەس بولمىغىچە، سورۇننى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ. ھەر بىر رومكا ھاراقنىڭ جۇغلىنىشى، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆپەيتىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى يىغىلىپ، مايغا ئايلىنىدۇ.
ياۋ جۈنيىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن باشقا، شىنجاڭدا سېمىزلىكنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشى يەنە باشقا بىر ئامىلدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇش ئادىتى ئامىلى. شىنجاڭنىڭ قىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم سوغۇق، ئۇندىن باشقا، قانچە سوغۇق بولغانچە، كېچىلىك ۋاقىتمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇزۇن ۋە سوغۇق قىش پەسلىدە ھەرىكەت ۋە چېنىقىشنىڭ ئاز بولۇشى، ئۇزۇن كېچىلەردە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى جىق يەۋىلىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • چاچ بوياش لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىكەنچاچ بوياش لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىكەن لىمفا ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ۋىرۇس بىلەن باكتېرىيەدۇر. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، لىم
  • شىنجاڭلىقلار سېمىزلىكتە مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلدىشىنجاڭلىقلار سېمىزلىكتە مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلدى 10 شىنجاڭلىقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. ئوزۇقشۇناسلار شىنجاڭلىقلارنىڭ نېمىشقا ئاسان سەمرىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى. گۆشنى كۆپ يېيىش، ھار
  •  قاندىكى ياغنى سېرىيدىغان يېمەكلىكلەر قاندىكى ياغنى سېرىيدىغان يېمەكلىكلەر يازدا قېنى ياغلىشىپ كەتكەنلەر ياغنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، ناۋادا ئۇلار مۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېسە، قېنىدىكى ئوشۇقچە ياغنى يوقىتىپ، ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش مەقس
  •  ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا... ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا... يېقىنقى بىر قانچە كۈندە ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئىسسىدى، شۇڭا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئاغرىقلارمۇ كۆپەيدى. مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرگە تومۇز كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدى
  •  يازدا تەرخەمەك يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ يازدا تەرخەمەك يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ يازدا تەرخەمەك يېسە مۇنداق پايدىسى بار: سۇ تولۇقلايدۇ تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى ھەرقانداق مېۋە - كۆكتاتنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، %96.7 كە يېتىدۇ. شۇڭا، يازدا ئادەم سۇسىزلانغ