دىلرەبانىڭ داڭلىق چولپان بولۇپ كېتىشىدىكى مۇھىم سىر ئاشكارىلاندى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

 

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

2017-ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ! ﺋﯘ «ﻳﯜﮔﯜﺭﻩﻳﻠﻰ، ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 2 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻳﺎﯓ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ.

1. ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﮪﻪﻡ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ، ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ.

ﻳﺎﯓ ﻣﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ: «ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﻳﺎﯓ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ «ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﭘﯩﺮﻯ» ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻼ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻏﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ «ﺋﺎﻧﺎﺭﺧﺎﻥ» ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ 19 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ 1-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﯘ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﻰ. ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﻯ.

 

2. ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﺗﺎﯓ ﻳﻪﻥ، rain، ﻟﻮ ﺟﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ «ﻛﺎﺭﺍﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ rain ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﻳﻪﻧﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﮔﺎﯞ ﯞﯦﻦ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺑﯩﻠﻮﮔﯩﻤﺪﺍ 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﺎﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﻪﺭﻩﭖ-ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺑﯩﻠﻮﮔﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﮔﯜﻝ-ﮔﯜﻟﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﯧﺲ-ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﮔﺎﯞ ﯞﯦﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯩﻤﻼ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ 10 ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﺎﯞ ﯞﯦﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ، ﻳﺎﯓ ﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. «ﺋﻪﺟﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺑﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﭼﯧﻦ ﻣﯩﯖﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮪﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ.

3. ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ.

ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ، ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭ: «ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ 25 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ، ﭘﯩﻴﺎﻧﯩﻨﻮ، ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺑﺎﻟﯧﺖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ، ﭼﯩﻨﻪ-ﺗﻪﺧﺴﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﻨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 5ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ، ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﯞﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻗﯩﺰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﯩﻼ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﯨﻼﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭ «ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﭗ» ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﻳﯜﮔﯜﺭﻩﻳﻠﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ» ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﭘﻮﻻﺗﺘﻪﻙ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯩﻞ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻭﺭﺍﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.

ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﺰ، ﺋﯘ ﮪﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﯞﯗﺯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻤﻰ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻻﻳﻪﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻟﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯧﻤﻪ، ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﻥ-ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺸﯩﻤﯩﺰ، ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺭﺍﮪﻪﺕ-ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻟﻪﻱ ﻛﯜﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻞ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر