ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
قانداق قىلغاندا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرغىلى، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ۋە كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە ، ئامېرىكىدا مودا بولىۋاتقان بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى  تونۇشتۇرىمىز.
بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئامېرىكىلىق مائارىپچى جىم. تېرمىرىس كەشىپ قىلغان. بۇنىڭدا ئاتا - ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە تايىنىش كېرەك . ئاتا - ئانىلار بالىسى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا كۈندە 20 مىنۇت دېكلاماتسىيە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ھەم ئۇنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئاتا - ئانىسىنىڭ جاراڭلىق دېكلاماتسىيە ئاۋازىنى ئاڭلاش جەريانىدا ئاستا - ئاستا پەيدا بولىدۇ. جىم. تېرمىرىسنىڭ قارىشىچە، بالا دېكلاماتسىيە ئاڭلاۋاتقان چاغدا دىققىتى ئالاھىدە مەركەزلىشىدىكەن. بۇ بالىنىڭ سۆزلۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىكەن، ھېسسىياتىنى موللاشتۇرىدىكەن. ئاتا - ئانىلار بالا ئۈچۈن دېكلاماتسىيەنى قانچە بالدۇر باشلىسا، شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. دېكلاماتسىيە مەزمۇنى چوقۇم جانلىق، تەسىرلىك بولۇشى، بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەزمۇنىمۇ چوڭقۇرلاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. جىم. تېرمىرىس مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئاتا - ئانىلار چوقۇم مېھرىبان ۋە سەۋرچان بولۇشى زۆرۈر، شۇنداق بولغاندىلا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، چوقۇم قانائەتلىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.
جىم. تېرمىرىس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەقسىز دوكلات بېرىپ، بۇ خىل ئاڭلاپ ئوقۇش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلغان، ئۇ يازغان «بالىلار ئاڭلاپ ئوقۇش قوللانمىسى» ئىنتايىن بازار تاپقان. جىم. تېرمىرىسمۇ نۇرغۇن بىلىملىك زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكىدىكى بىرنەچچە ئىشتات كەينى - كەينىدىن «بالىڭىز ئۈچۈن دېكلاماتسىيە قىلىڭ» ۋە «ھەر بىر كۈنىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم 20 مىنۇت» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر