دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقلىغۇچ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مېڭە ھۈجەيرىسىدە ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرلاردىكى 1،0 كودىغا ئوخشىمايدىغان 26 خىل ئوخشاش بولمىغان كودلاشتۇرۇش شەكلى بولۇپ، ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، چوڭ مېڭە ( 1PB=1024TB=1024*1024GB)  سىغىملىق ئۇچۇرنى ساقلىيالايدىكەن.
 
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى لاخويا سالك تەتقىقات ئورنىدىكى بىيولوگ Sejnowski مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەنرەك مۆلچەرلىگەندىمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئەمەلىي ئەستە ساقلاش سىغىمى ئىلگىرىكى مۆلچەرىمىزنىڭ ئون ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورىنىڭ سىغىمىغا تەڭ.»
 
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك دەرىجىدىكى شۇنچىۋالا كۆپ ئۇچۇرنى سىغدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېتەرلىك ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ، تۆۋەن قۇۋۋەتلىك بىر لامپۇچكىنى ياندۇرالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغىنى شۇكى، مۇشۇنداق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر كومپيۇتېرنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، بىر مىليارد ۋات ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى لازىم بولىدۇ. نېرۋا ئىلىمى ئالىمى Tom Bartol نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «بۇنداق بىر كومپيۇتېرنى نورمال يۈرۈشتۈرۈشكە پۈتكۈل بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توكى كېتىدۇ، ئەمما چوڭ مېڭىگە 20 ۋات توك بولسىلا كۇپايە.»
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر