ئادەم ئەڭ ئۇزاق بولغاندا قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
بۇ يىل ئاپرېلدا دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ چاغدا ئۇ 117 ياشتا ئىدى. ئۇنداقتا بۇ رېئاللىققا قارىغاندا، 110 ياشتىن ھالقىش ئىنساننىڭ ئۆمۈر پەللىسى بولامدۇ؟ 2016- يىلى ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا ئامېرىكىلىق ئىرسىيەتشۇناسلار مۇنداق ھۆكۈم چىقارغانىدى: «ئىنسان ئۆمۈرنىڭ پەللىسىگە يېتىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. بىز ئانالىز قىلغان تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئايانكى، 1980- يىلىدىن بۇيان، ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولمىغان، شۇڭا بىز ئىنساننىڭ ئۆمرى 115 ياشتا بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قارىدۇق».
 
   ئەمما بۇ يىل 28- ئىيۇن نەشردىن چىققان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا كانادالىق ئىرسىيەتشۇناسلارنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى، ئالدىنقى قېتىمقى ھۆكۈمدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بۇ ھۆكۈمدە مۇنداق دېيىلدى: «ئەينى چاغدىكى ھۆكۈم ۋاقتى ئۆتكەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا چىقىرىلغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋەزىيەتكە ماسلىشالىسى ناتايىن. بىز بارلىق ئۆلۈم يېشىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرەرىمۇ ئۆمۈرنىڭ پەللىسىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بايقىدۇق، يەنى ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى بېكىتىدىغان پاكىتنى تاپالمىدۇق».
 
   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئېرىشكەن يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئۆمرى ھەر يىلى دېگۈدەك ئاشقان، شۇنداقلا ھېلىھەم ھايات 100 ياشتىن ھالقىغان ئادەملەر كۆپەيگەن، شۇڭا بىز نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىللە ئىنساننىڭ ئۆمۈر پەللىسى 125 ياش بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىپ قالدۇق، بىراق ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن گېن گۇرۇپپىسى بەلگىلەمدۇ؟ ئىنسان ئۆمرىنىڭ قانچىلىك بولۇشى زادى قانداق ئامىلغا باغلىق؟ بۇلار ئالىملارنىڭ يېشىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەردۇر». 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر