ئەلدوست شىركىتى ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


شىنجاڭ يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئىيۇل ئۇقتۇرۇشى، شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ئەيدىز تورى تەرجىمىسى: شىنجاڭ ئەلدوست بىيو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ شىركەت تور بېكىتى، تەشۋىقات قوللانمىسى، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزى سېتىۋاتقان «ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى» قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئەيدىزنى داۋالاش رولى بار، دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان. 2017-يىلى 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بايقالغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، كۈچ تەشكىللەپ مەزكۇر شىركەتكە قارىتا چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.
 


قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر شىركەتنىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىدىن باشقا يەنە، ئوزۇقلۇقى كۈچەيتىلگەن مېۋە-كۆكتات شەربەت ئىچىملىكى، جۇخار گۈلى ئىچىملىكى، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئىچىملىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردەملىشىپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭدوڭ جىنشىن دورا-بىيو پەن تېخنىكا شىركىتى ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارغا ئوخشىتىپ ياسالغان ئىكەن. يۇقىرىقى 4 خىل مەھسۇلاتنى ئەمەلىيەتتە ئەلدوست شىركىتى ھېچقانداق ئىجازەت ئالمىغان، سۈپەت-بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئالدىغان ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئەيدىز ۋە راك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئالاھىدە شىپالىق ئۈنۈمى يوق.
 


نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دېلونى بېجىرىش ھەققىدىكى تەلىپى بويىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ ساتقانلىق قانۇنسىز قىلمىشى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكتە.
-شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ئەيدىز تورىدىن ئېلىندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر