جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى توغرا ئىستېمال قىلىڭ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 مۇخبىرىمىز گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تىلغا ئېلىنسا، تەمى ئاچچىق ھەم قىرتاق دورىلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ. گەرچە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كېسەل داۋالاشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر دورىنىڭ تەمىنى ئويلاپلا، ئۇنى ئىچىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ دورىلارغا شېكەر ياكى قەنت ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدۇ. 

       ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئاققوۋۇق تارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى رەيھانگۈل زېمىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەمى قىرتاق ھەم چۈچۈمەل بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئازراق قەنت ياكى شېكەر قوشۇپ، دورىنىڭ قىرتاق تەمىنى سۇسلاشتۇرۇپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ، كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قاينىتىلغان دورىغا قەنت قوشۇلسا، دورا سۇيۇقلۇقىدىكى مەلۇم خىل تەركىب قەنت بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، دورا سۈپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ھەم دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. قەنتنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى تىزگىنلەش رولى بولغاچقا، قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىسىغا قەنت قوشۇپ ئىچكەندە دورىنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

       رەيھانگۈل زېمىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاشقازان ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بەزى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى قىرتاق تەمى بىلەن ئىچكەندىلا، ئاندىن ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش بەزلىرىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ئەگەر ئاشقازان كېسىلىنى داۋالايدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىسىغا قەنت قوشۇلسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن، شۇڭا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئۆز تەمى بىلەن ئىچكەن ياخشى ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر