ﮔﯜﻟﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ، ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﯓ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﺴﯘﻥ، ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﺪﻩ ﮪﻪﻡ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﻤﯩﺰ.

ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻏﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﮔﯜﻟﻨﻪﺯﻩﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻗﯩﺰﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ-ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮔﯜﻟﻨﻪﺯﻩﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ.

ﺋﻪﯓ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ! ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ. ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻗﯩﺰ، ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘ؟ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﻘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﻭﺳﺘﺘﻪﻛﻼ. ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ، ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﻩ-ﭘﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺟﯧﯔ ﺷﯘﺍﯓ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ ﮪﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻟﻼﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ.

ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر