ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نىسبىتى %97.56 كە يەتتى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نىسبىتى %97.56 كە يەتتى

   مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭدا 2- نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن تارتىپ 10- ئۆكتەبىرگىچە 18 مىليون 204 مىڭ 300 ئادەم سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن بولۇپ، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەنلەر 1- نۆۋەتتىكىدىن كۆپ بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرى بولغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 2016- يىلى سېنتەبىردە باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدىكەن، تۇنجى نۆۋەتلىكىدە 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم نەپكە ئېرىشكەن.

     ئاپتونوم رايون مالىيەسى بۇ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە 1 مىليارد 585 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغان، بۇنىڭدىن 21 مىليون ئادەم نەپكە ئېرىشىدىكەن. 2- نۆۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى كېلەر ھەپتە تولۇق ئاخىرلىشىدىكەن ۋە شىنجاڭدا كېسەللىك تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. 

مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر