جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپەيتىپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىلىش ئىقتىدارى چېكىنىشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
  دېۋەڭلىك كېسىلى بىر خىل ئۇنىۋېرسال كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ئادەتتە ئەستە ساقلاش، تەپەككۇر قىلىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە كۈندىلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارلىرىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار توپى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ.
  لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار باشچىلىقىدىكى تەتقىقات ئۆمىكى يېشى 65 ياشتىن ئاشقان ھەمدە ئەنگلىيەدە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردىن دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 30 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان 40 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارىتا سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سىناق ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار توپلىغان ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، شۇنى بايقىغانكى، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە كۈندىلىك ئىشلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدىكەن. ئەگەر ئۇنداقلار مەلۇم دەرىجىدە جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنالىسا، ئۇلاردىكى ئاجىزلاش ۋە ئىقتىدارلىرىدا چېكىنىش بولۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن.
  تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى«جامائەت سەھىيەسىدىكى ئالدىنقى نەتىجىلىرى»دە ئېلان قىلىنغان. ئۇلار پەرەز قىلىپ، بۇ خىل پەسەيتىش ئۈنۈمىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ چوڭ مېڭە بۈدۈرىسىدىكى يىپسىمان تەنچىدە قايتىۋاتقان قان ئايلىنىشنى غىدىقلاپ، بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
  مەزكۇر دوكلاتنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى ئەيلىس خوللاندبىنىڭ دېيىشىچە، ياشانغانلار ئۆز ئۆيىدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، قىسقا ۋاقىت سەيلە قىلىش ياكى سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، ئۇ خىل ھەرىكەتلەر دېۋەڭلىك كېسىلى ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر