يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، كىشىلەر تۆگە سۈتىنى « شىپالىق سۈت » ئورنىدا كېسەللىكلەرگە داۋا ئىزدەپ ئىستېمال قىلماقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، تۆگە سۈتىدە ئوزۇقلۇق مول بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، ۋىتامىن C،كالتسىي ئېلېمېنتى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار بار . بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي كىسلاتاسى ،ئورگانىزمنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە.
  يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆگە سۈتى دىيابېت كېسەللىكىنى كونترول قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن .
  تەتقىقاتتا، جەمئىي 75  دانە دىيابېت كېسىلى بولغان ئەركەك چوڭ چاشقان تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى ئىختىيارى ھالدا 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2 گۇرۇپپا دىيابېت كېسىلى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسى قىلىنغان.  2 گۇرۇپپىغا ئۇدا ئىككى ئاي تۆگە سۈتى بېرىلگەن، ئەڭ ئاخىرقى 1 گۇرۇپپىغا دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش دورىسى مېلبىن بېرىلگەن. ئاندىن تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچىلار  بۇ چاشقانلارنىڭ قان زەردابىدىكى گىلۇكوزا، ئىنسۇلىن سەۋىيەسى دېگەندەكلەر ئۈستىدىن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى  ئېلىپ بارغان.
  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆگە سۈتى بېرىلغان چاشقانلارنى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا سېلىشتۇرغاندا، قاندىكى قەنت قويۇقلۇقىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى ئىسپاتلانغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە: « تۆگە سۈتى دىيابېت كېسىلى پەيدا بولغان چاشقاننىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، زىيانغا ئۇچرىغان ئاشقازان ئاستى بېزى β ھۈجەيرىسىنىڭ ئاكتىپلىقى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن».
  تۆگە سۈتى بىر خىل تەبىئىي يېمەكلىك، ئۇ دىيابېت كېسىلى ۋە مېتابولىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى قوشۇمچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
  بىر قېتىملىق كىلىنىكىلىق كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالىنىۋاتقان بىمارنى بىر ۋاقىتتا يەنە تۆگە سۈتى بىلەن قوشۇمچە داۋالىغاندا، بىمار تۆۋەن مىقداردىكى ئىنسۇلىن ئارقىلىقمۇ قان قەنتىنى ياخشى كونترول قىلالىغان. يەنە كېلىپ بىمارنىڭ ئومۇمىي خولېستېرىن ۋە ترى گىلىتسېرىد سەۋىيەسىمۇ تۆۋەنلىگەن.
  تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە:« تۆگە سۈتى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىشتە چوڭ رول ئوينايدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە خولېستېرول سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، جىگەر بۆرەك كېسەللىكلىرى، جاراھەتنىڭ ساقىيىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ. مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، تۆگە سۈتىنى ئىستېمال قىلىش بولسا دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشتىكى، بىر خىل بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر