ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ؟

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

  ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯞﯨﺮﯗﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﺘﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ، ﺑﺎﺗﯘﺭﺩﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚﮪﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ؟
ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ!
ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﮪﯧﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﻠﻰ! ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ!
   ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻳﻠﻰ!
 
  ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯔ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﯓ! ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻗﻘﯩﻲ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ، ﺑﺎﺷﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻮﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎ؟

 

   ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻠﻰ!

ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺴﺰ؟ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﯩﻼ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ! ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ! 

   ﺋﯘﻻﺭ ﮪﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﻣﻮﮪﺘﺎﺝ!

ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻧﺎﮪﺎﻳﺘﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭ ﮪﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﻭﺳﺘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﻣﻮﮪﺘﺎﺝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﻤﯘ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﺴﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ!

   ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ!

 ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯓ. ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻛﯚﻛﺴﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﺗﯘﯓ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﯓ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ! ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯔ !

   ﻣﯘﻧﺎﺳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ!

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ.  ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﮪﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻧﯧﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺖ-ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر