يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: « يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئەزا » دەپ قارايدۇ. يۈرەك ئادەم بەدىنىندىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي بەدەن ئىقتىدارىنىڭ جارى بولۇشىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

يۈرەكنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ 3 ئورۇنغا قاراش كېرەك
1.قولاق يۇمشىقى 
قولاق يۇمشىقى ئۈستىگە بىر قىيپاش يوللۇق ياكى توغرىسىغا قورۇق چۈشكەن بولسا،بۇ ئادەتتە يۈرەك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى.
 
ئەلداۋادىن تەكلىپ : يۇقۇرىدا ئېيتىلغان قۇلاق يۇمشىقىدىكى كىچىك قورۇق، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، لېكىن ئۇ سىزنى چوقۇم يۈرەك كېسىلى بولىشىڭىز مۇمكىن دېگەنلىك ئەمەس ياكى چوقۇم سىزنى يۈرەك كېسىلى دېگەنلىك ئەمەس. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار-يوقلىقىغا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.
2. قاڭشار 
قاڭشار تۈۋى يەنە ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىقىدىكى ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاڭشىرىدا بىر تال توغرا سىىزىق بار،  يەنە بەزىدە بىر كۆك تومۇر پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بايقايمىز. بىز بۇنى يۈرەك كېسەللىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان بۇرۇن پۈرمىسى دەپ ئاتايمىز.
 
ئەلداۋادىن تەكلىپ: ئادەتتە بۇنداق ئەھۋال كىچىك بالىلاردا، بەلكىم بەزى دورىلار ياكى ئاشقازان ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئادەتتە كۆپۈنچە يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ سەل قارىماي ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇپ، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
3. باش بارماق تۈۋى
   باش بارماقنىڭ بارماق تۈۋىدە بىر ئىككى كۆك قان تومۇر پەيدا بولسا، ئەگەر كۆرۈنۈشى روشەن بولسا، ئادەتتە يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. 
   ئەلداۋادىن تەكلىپ: باش بارماق تۈۋىدە ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر پەللە بولۇپ، يەنى بۇ پەللە چوڭ يۈيجى پەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ. سول قولنىڭ چوڭ بېلىقسىمان مۇسكۇلى بولسا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان يۈرەكنى قۇتقۇزغۇش كۇمىلىچى. ئەگەر تۇيۇقسىز يۈرەك سېلىش، يۈرەك سانجىقى، كۆكرەك سىقىلىش كۆرۈلسە، ئادەم بەك بىئارام بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال باش بارماق ئۇچى بىلەن چوڭ بېلىقسىمان مۇسكۇلنى چىمدىپ ئۇۋۇلاپ ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېغىرلىق كۈچى ئارقىلىق توققۇزنى قاتتىق چىمداش، ئەڭ ياخشىسى چوڭ بارماقنى تىكلەپ تۇرۇپ چىمداش، مۇشۇنداق كۈچلۈك غىدىقلاش ئارقىلىق يۈرەك بېسىمىنى يەڭىللەتكىلى بولىدۇ.. 
ئەمەلىيەتتە، يۈرەكتىن چاتاق چىقىشتىن بۇرۇن، يۈرەك ئاللىبۇرۇن بىزگەن نۇرغۇنلىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنى بەرگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى پەقەت بىر نەچچە سېكۇنت ياكى بىر مىنۇتنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش. شۇڭا، تۆۋەندىكى بېشارەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە يۈرەك كېسەللىكىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش، جىددىي مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
 
1) نەپەسلىنىشتىكى نورمالسىزلىق
سىز جىم ئولتۇرغاندا ياكى ئازراق جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىڭىزدا، ھاسىراش پەيدا بولۇش بىلەن بىرگە يۆتەل ۋە بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى بولمىسا، بۇ بەلكىم سول يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن.
2) چىرايدىكى بىنورماللىق
چىرايى تاتىرىش ھەم سۆسۈن رەڭدە بولۇش، لەۋلىرى كۆكۈرۈش، دائىم كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى چىراي ئىپادە ئالامەتلىرى. يۈز قىسمى سۇس قىزىل رەڭدە بولۇش، رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككى قاناتلىق قاپقاقنىڭ تارىيىشىنىڭ ئىپادىسى. چىرايى تاترىش بولسا، ئىككى قاناتلىق قاپقاقنىڭ تولۇق يېپىلماسلىقىنىڭ ئىپادىسى.
 
3) ئاسان چۆچۈپ ئويغىنىش
يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلار، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئۆزىدە تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. بۇ خىل ئۇخلىيالماسلىق ئادەتتىكى ئۇخلىيالماسلىققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يېرىم كېچىدە سەۋەبسىزلا ئويغىنىپ كېتىدۇ.
 
4.سەۋەبسىزلا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش
ھېچقانداق سەۋەبسىزلا، تويۇقسىزلا يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى بايقايدۇھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتى 1 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە بولىدۇ. 
 
5.ئۇزاق مۇددەت قايتا-قايتا زىيادە تەرلەش
ئېنىقلا قاتتىق ھەرىكەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بويۇن، دۈمبە، باش تېرىسى، قول، تاپان كۆپ تەرلىسە، بەلكىم بۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى تېز بولغاچقا، قوزغالغاندا تىل ئاستىغا نىتروگلىتسېرىن  ( 硝酸甘油 ) قويۇپ شوراش كېرەك.
ئەگەر روشەن ھالدىكى يۈرەك سانجىقى ئالامىتى بولسا، ۋاقتىدا تىل ئاستىغا نىتروگلىتسېرىن  ( 硝酸甘油 ) قويۇپ شوراش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر تالنى شورىغاندا كارغا كەلمىسە، بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى شوراش كېرەك.
ئەگەر ئىككىنى شوراپ بولغاندىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، دەرھال 120 گە تېلېفون ئورۇپ، جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ھاياتىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك.
 
تۆۋەندىكى چارە-تەدبىرلەر يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ
 
1. ھەر كۈنى يېرىم سائەت چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى يېرىم سائەت بەدەن چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %30 دىن يۇقىرى نىسبەتتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
2.تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش
تويۇنغان ماي ۋە ماي ئاساسلىقى كالا گۆشى، ئېچىتقان بويۇملار ۋە پالما مېيى قاتارلىقلار يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ياغنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئارتېرىيە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياڭيۇ ياپراقچىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى  دېگەندەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە ماينىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئامال بار بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.
 
3.ئومىگا 3 (  a-لىنولېنىك كىسلاتا ) قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىش
ئومىگا 3 ئادەم بەدىنىدە ئومۇميۈزلۈك  بولغان بىر خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كەمچىللىكىنى تولۇقلايدۇ. ئومىگا 3 كەمچىل بولسا ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرۈلىدۇ. يۈرەك كېسەل، سېمىزلىك، قان بېسىم، قان قويۇقلۇق دېگەندەك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. شۇڭلاشقا، ئومىگا 3 نى تولۇقلىغاندا، يۈرەك كېسەل ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. زىغىر مېغىزى مېيىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئومىگا 3 بار بولۇپ، ھەر كۈنى بەش مىللىمېتىر زىغىر مېغىزى مېيىنى ۋە 100 مىللىمېتىر قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
 
4.كۆپرەك ئاپېلسىن رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش
فىللاندىيىدىكى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تەتقىقاتقا قان تەركىبىدىكى β كاروتىن سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن ئەرلەر قاتناشقان بولۇپ، ئەرلەردىكى توسۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى خەۋپى 3 ھەسسە يۇقىرى . ئۇلارغا كۆپرەك ئاپېلسىن ، سەۋزە، كاۋا قاتارلىق ئاپېلسىن رەڭلىك يېشىل يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈپ كاروتىننى تولۇقلىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغان.
 
5.كۆپرەك چاي ئىچىش
چاينى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە ئۈنۈمى بار بولۇپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. 
 
6. كۈندە 20 مىنۇت ئويلىنىش
توماس جېففېرسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت تىنچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرسە، تەشۋىشلىك، خامۇشلۇقنى %25 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ نىسبىتى تۆۋەنلىتىشتە ئۈنۈملۈك رولى بار.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر