كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟

سەھىپە: خەۋەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

    ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا، قورقۇنچ ھېس قىلامسىز؟ جېجياڭ نىڭبودىكى جىن خادىم دەل مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان.

كىملىك ئۇچۇرى تۆت ناتونۇش ئۈندىدارغا باغلانغان
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىن خانىم ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى ئانىسىنىڭ ئۈندىدارىغا باغلىماقچى بولغاندا، سىستېمىدا ئۇنىڭ ئۈندىدارىنىڭ بەش دانە ئۈندىدارغا باغلانغانلىقىنى، بىر كىملىك بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئۈندىدارغا باغلاش چېكىگە يەتكەنلىك كۆرسەتمىسى كۆرسىتىلگەن.
جىن خانىم شۇندىلا ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن بۇندىن بۇرۇن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغىلا باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېڭشۈن خېرىدار مۇلازىمەت ئورنىغا ئەرز قىلغان.
باغلانغان باشقا تۆت ئۈندىدارنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، جىن خانىم تېڭشۈن خېرىدار مۇلازىمەت ئورنىغا رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن، بۇ بىر قانچە ئۈندىداردا پارچە پۇللار بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت توڭلىتىپ قويۇشقىلا بولىدىكەن.
ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەندىن سىرت، بانكا كارتىسىمۇ ئوغرىلىقچە باغلانغانمىدۇ؟ تېڭشۈن مۇلازىمەتچىسى، جىن خانىمنىڭ بانكا كارتىسىدا بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئېيتقان.
ئارقىدىن، جىن خانىم ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دېلو مەلۇم قىلىش پەقەت ئەنگە ئالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈنلا، كېيىنچە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، چۈشەندۈرەلمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.»
كىملىك ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ ئۈندىدارغا باغلاش ئىنتايىن ئوڭاي
مۇخبىرنىڭ تېڭشۈن خېرىدارلار مۇلازىمىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، مۇخبىرنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ئۈچ ئۈندىدار نومۇرىغا باغلانغان، لېكىن كونكرېت قايسى ئۈچ ئۈندىدار ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈشكە بولمىغان.
ئارقىدىن خېرىدارلار مۇلازىمىتى مۇخبىرغا قىسقا ئۇچۇر شەكلى بىلەن بىر تور ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىپ، مۇخبىردىن قولىدا كىملىكنى تۇتۇپ رەسىمگە تارتىپ يوللاشنى، ھەمدە سورىماقچى بولغان سوئالىنى يوللاشنى تەلەپ قىلغان. مۇخبىر ئۇچۇرلارنى تەلەپ بويىچە يوللىغاندىن كېيىن، سىستېما 48 سائەت ئىچىدە جاۋاب ئۇچۇر قايتۇرغان.
سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، خېرىدارلار مۇلازىمىتى خادىمى، كىملىك ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە ئۈندىدارغا باغلاش ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. «قارشى تەرەپ پەقەت سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن كىملىك نومۇرىڭىزنى بىلسىلا، ئۈندىدارنىڭ چىقىم ئىقتىدارىغا ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ باغلىۋالسا بولىدۇ. لېكىن قارشى تەرەپ سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدىكى بانكا كارتىڭىزغا ئۇلىماقچى بولسا، بۇ بىر قەدەر قىيىن، چۈنكى ئۇ چاغدا بانكىغا قالدۇرۇلغان يانفونغا كېلىدىغان دەلىللەش نومۇرى كېتىدۇ.»
ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش ۋە ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگۈچىلەر قايسى خەۋپلەرگە دۇچار بولىدۇ؟
تېڭشۈن خېرىدارلار مۇلازىمەت خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۈندىدارنىڭ چىقىم نومۇرىغا كىملىك دەلىللەش كېتىدىغان بولۇپ، بىر كىملىك ئۇچۇرىغا پەقەت بەش ئۈندىدار نومۇرىنى باغلاشقا بولىدىكەن، شۇڭا كۆپ ئۈندىدار چىقىم ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەر، باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان.
خېيىم-خەتەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، پەقەت كىملىك ئۇچۇرى بىلەنلا دەلىللەپ، بانكا كارتىسىغا باغلىمىغان ئابونېتلارنىڭ ئۈندىداردىكى چىقىم سوممىسى پەقەت 1000 يۈەن بولىدىكەن.
خېيىم-خەتەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، پەقەت كىملىك ئۇچۇرى بىلەنلا دەلىللەپ، بانكا كارتىسىغا باغلىمىغان ئابونېتلارنىڭ ئۈندىداردىكى چىقىم سوممىسى پەقەت 1000 يۈەن بولىدىكەن.
ئوغرىلىقچە ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئۈندىدار نومۇرى توڭلىتىلىپ قويۇلغان ھامان، كىملىك ئۇچۇرىنى قايتىدىن يوللاپ، دەلىللىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۈندىدار ھەميانىدىكى پارچە پۇللىرىنى ئالالايدىكەن.
ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگۈچىلەرگە نىسبەتەن، كىملىك ئۇچۇرىغا باغلاش سانىنى باشقىلار ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزى باغلايدىغان ئۈندىدار نومۇرى ئازلاپ كېتىدىكەن، ئۇندىن باشقا، ئوغرىلىقچە ئىشلەتكۈچىلەر، ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ، جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئۆزىنى ئاقلاشمۇ بىر قەدەر ئاۋارىچىلىك ئىش ھېسابلىنىدىكەن.
كىملىك ئۇچۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۈندىدارغا ئوغرىلىقچە باغلانغان-باغلانمىغانلىقىنى قانداق تەكشۈرگىلى بولىدۇ؟
بىرىنچى ئۇسۇل: تېڭشۈن خېرىدارلار مۇلازىمىتىگە تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈپ،  ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئىككىنچى ئۇسۇل: ئۈندىداردا سۈرۈشتۈرۈش، ئۈندىداردىكى «ھەميانىم»نى ئېچىپ، ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىكى «چىقىم مەركىزى»دىن «ياردەم بېرىش»نى تاللايدۇ،  ئاندىن «باشقا مەسىلىلەر»نى باسىدۇ، ئاندىن « ئۈندىداردا ھەق تۆلەش ماتېرىيال قانداق تاپشۇرۇلىدۇ؟»نى باسىدۇ، ئاندىن «بۇ يەرنى بېسىڭ»نى بېسىپ كىرىدۇ.

سوئالنى ئېنىق يېزىپ تاپشۇرىدۇ، خىزمەتچى خادىملار بەلگىلىك ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرىدۇ. كىملىك ئۇچۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تېڭشۈنگە قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ياكى توڭلىتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

ئەلۋەتتە، كىملىك ئۇچۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك، ئەڭ ئاساسلىقى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداپ، كىملىك ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

-شىنجاڭ ئويغۇر رادىئو تورى خەۋىرى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر