ئادەم قېرىغاندا 7 ئەزا تەبىئىيلا قورۇلۇپ قالىدىكەن

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: سىنا تورى | ۋاقتى: 2012/01/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سەينى ئۇزاقراق قويۇپ قويسا سۈيى يوقاپ قۇرۇپ سولىشىپ قالىدۇ، ئادەم بەدىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، قېرىشقا ئەگىشىپ تېرىلەر سۇ يوقىتىپ يول-يول قورۇقلار چۈشسە، بەللەر ئىگىلىپ بۇرۇنقىدەك مەزموت بولماي قالىدۇ. ھەتتا يۈز قىسىمى 20 يىل بۇرۇنقى نەۋقىران ھالەتتىن كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم تېنىنىڭ سۇ يوقىتىشى يۇقىرىقىلارلا ئەمەس.


1. يۈرەك ھەر يىلى 0.3 گرام كىچىكلەيدىكەن
ئامېرىكا يوھان. خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى 45 ياشتىن 85 ياشقىچە ئارىلىقتىكى كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يۈرەك مۇسكولىنىڭ ھەر يىلى 0.3 گرامدىن كىچىكلەيدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىۋاستە يۈرەكنىڭ قاننى قوبۇل قىلىش ۋە چىقىرىشىغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەر بىر ياش قېرىغاندا يۈرەك ھەرىكەت دەۋرى %2-%5 كىچە ئۇزىراپ، قان بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى 9 مىللىلېتىر چۈشىدىكەن. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى يۇقىرى قان بېسىم، ۋە قان كەملىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


 


مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدىكى، ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ، يۈرەك مۇسكۇلى قىسقىرايدۇ، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىنى كۈچلەندۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭلاشقا، پىيادە مېڭىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلار ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ھەر كۈنى 40 مىنۇت يول مېڭىش، ھەر ھەپتىدە بەش كۈن داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق. يۈرەك رېتىمى بولسا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەمدۇر. مۇۋاپىق ئوكسىگېنلىق شارائىتتا ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك رېتىمى 170 دىن يۇقىرى بوپ كەتمىسە مۇۋاپىق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر