ياشانغانلار تورغا مەستانە بولۇپ قالسا چاتاق

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا

بۈگۈنكى كۈندە، ياشانغانلار تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ بارغانسېرى بېيىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ياشانغانلار تور مەستانىسى بولۇپ قالدى. ئەسلىدە ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالدا تورغا چىقسا، مەنىۋىيىتى بېيىپ، غېرىبلىق تۇيغۇسى بېسىلىپ، سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىدى. بىراق مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ياشانغانلار تور مەستانىسى بولۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ، بولمىسا چاتاق چىقىدۇ.

 


«نۇرلۇق يولى» دا ئولتۇرۇشلۇق لاۋچېن پېنسىيەگە چىققان، ئوغلى توي قىلىپ كۆچۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، لاۋچېن كومپيۇتېر ئالدىدا «ئالدىراش» بولۇپ كەتتى. ئايالى يېقىندىن بېرى لاۋچېندا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقىنى، ئۆي ئىشى ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ قارىشىچە، 62 ياشلىق لاۋچېننىڭ تورغا بولغان مەستانىلىكى ھازىرقى زاماندىكى ياشلاردىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ھەرگىزمۇ كەم قالمايدۇ. قارىغاندا، ياشانغانلاردىكى «تورخۇمارلىق» قا گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ.
لاۋچېن پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدى ، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرىمۇ ھەر كۈنى كومپيۇتېر بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇراتتى، لېكىن خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، پەقەت خەۋەر-ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قوياتتى، ئاندا-ساندا QQ دا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تورغا چىقىش ۋاقتى 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، لاۋچېن QQ ئويۇنى «تور شاھمىتى»، «ئىمپېرىيە شەۋكىتى» گە ئوخشاش تور ئويۇنلىرىنى ئويناپ، كۈن بويى دېگۈدەك توردا «ئۆلتۈرۈش-چاناش» بىلەن ئاۋارە بولاتتى، يەنە تېخى ئۇنىڭ تور ئويۇنىدىكى دەرىجىسى ۋە يىغىندى نومۇرلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ باردى، ئۇ ئوينىغانسېرى كىرىشىپ، كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 7~8 سائەتكە يېتىپ باردى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى لاۋچېننىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى بۇزۇلدى، كەچتە ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇيقۇدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئايالى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ بىرنەچچە قېتىم مۇشۇ  توغرۇلۇق تاكاللىشىپمۇ قالدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار