ياشانغاندا كۆز ئاسراشنىڭ ئەپچىل چارىسى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مۇزدەك سۇدا يۇيۇش. ياشانغان كىشلەر ئەتىگەندە كۆزىنى مۇزدەك سۇدا يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن ئىككى مىنۇت يېپىپ بەرسە، كۆز ئاسراشقا پايدىلىق .
كۆزنى دائىم چىمچىقلىتىش. كۆزنى دائىم چىمچىقلاتسا ، كۆز مۇسكۇللىرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ . قاپىقىنى قول بىلەن ئاستا ئۇۋۇلاپ بەرسە ، كۆز گۆھىرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ .
ئالقات دەملەپ ئىچىش. ئالىقاتنى دائىم دەملەپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى تازىلاپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ .
قان بېسىمى يۇقىرىلار كۆكۈچ ، يېشىل رەڭگە قارىسا قان بېسىمى چۈشىدۇ
يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بارلار ئۆينى زىننەتلىگەندە كۆكۈچ ، يېشىل زىننەتلەش ماتېرىياللىرىنى كۆپرەك ئىشلەتسە ياكى ئۆيىگە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى تىزىپ قويسا ، قان بېسىمىنى تەڭشەشتە مەلۇم رول ئوينايدۇ . چۈنكى ئادەم كۆك رەڭگە قارىسا كەيپىياتى تىنىچلىنىپ ، قان بېسىمنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ . قان بېسىمنىڭ دولقۇنسىمان ھەرىكىتى كۆپ ھاللاردا كەيپىياتنىڭ جىددىيلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . كەيپىياتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە ياخشى رول ئوينايدىغىنى يېشىل رەڭ بولۇپ ، ئۇ جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ ، زېھنى قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پەيدىلىق .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر