ياشانغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قولى تىترەيدۇ؟

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

60 ياشتىن ئاشقانلاردا بەزىلەرنىڭ قولى ، بەزىلەرنىڭ بېشى تىترەيدۇ . كونتىرول قىلالمايدۇ . بەزىلىرىنىڭ ئېڭىكى ، بەزىلىرىنىڭ قاپىقى ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ھاياجانلانغاندا ، سوغۇق ئۆتكەندە ، تاماكا چەككەندە ، چارچىغاندا تىترىشى ئېغىرلىشىدۇ . بۇ تىترەشنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا دەخلىسى بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ قولى بەك تىترىگەچكە ، ئىنچىكە ئىش قىلغاندا ، مەسىلەن : خەت يېزىش ، ساقال ئېلىش ، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش ، چوكا تۇتۇش ، چاي ئىچىش قاتارلىق ئىشلارغا ئېغىر دەخلىسى بولىدۇ . بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات ئاستا، چوڭ مېڭە ھەرىكەت سېستىمىسىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ،ئوخشاش بولمىغان ئەزالار ئىختىيارسىز تىترەيدۇ . بۇ مېڭىدىكى نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنىڭ "قېرىشى"دىن كېلىپ چىققان ئالامەت بولۇپ ، ياشانغاندا كپ كۆرۈلىدۇ . بۇنى تېنچلاندۇرۇش ۋە ۋىتامىن B6 قاتارلىق نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتپ داۋالىغىلى بولىدۇ . ھەرخىل بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى ، كىتاب ئوقۇش ، خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ، سەيلە قىلىش ، ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر بۇ خىل پۇت-قول تىترەش جەريانىنى ئاسلىتىدۇ ھەم ئالدىنى ئالالايدۇ

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر