ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، كراخمالسىمان ئاقسىل چوڭ مېڭە ئىچىدە يىغىلىپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدىكەن.ياپونىيە شۈن تىيەنتاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمى مۇتەخەسسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،سەي-كۆكتات قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەر ئۈنۈملۈك ھالدا كىراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ چوڭ مېڭىدە يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يېمەكلىك ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن . كاۋا تەركىبىدە كاروتىن، ۋىتامىن C،E قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر مول بولۇپلا قالماستىن يەنە يېمەكلىك تالالىرىمۇ مول بولۇپ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سەۋزە تەركىبىدە كاروتىننىڭ مىقدارى ئەڭ مول، بەدەن تەركىبىدە ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىغاندا، كاروتىننى ۋىتامىن A غا ئايلاندۇرۇپ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولىنى كۈچەيتىدۇ. نوقۇت تەركىبىدە شىلىمشىق ئاقسىل كۆپ بولۇپ،بۇ خىل ئاقسىل قان قەنتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توخۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت توخۇ كۆكرەك گۆشىنىڭ تەركىبىدە كارنوسىن مول بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. شوخلا تەركىبىدە لىكوپېن بار بولۇپ، بۇنىڭمۇ كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. چىچەكسەينىڭ تەركىبىدە 200 خىلدىن ئارتۇق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر