ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈڭىز بارمۇ؟

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. 1.يېشىڭىزنى ئۇنتۇماڭ، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار بولۇڭ.

2. 2.جورىڭىز ياكى ياخشى كۆرىدىغان دوست بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىڭ، ئۆزىڭىزنى يارىماس دەپ قارىماڭ.

3. 3.كۈلكە بىلەن ياشاڭ، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

4. 4.كېچىسى ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا، كۈندۈزى ئاز ئۇخلاڭ.

5. 5.ھەرقانداق بېسىمغا باش ئەگمەڭ، ئىمكان قەدەر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، رىقابەتنى قوبۇل قىلىڭ.

6. 6.تۇرمۇش سىزگە مەنىسىز تۇيۇلسا، بىرەر نىشان بەلگىلىۋېلىڭ ياكى يېڭى قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ، تۇرمۇش مەقسىتىڭىز ئېنىق بولسا قېرىش ھېس قىلمايسىز.

7. 7.بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدىنىڭىزدىكى زىيادە ياغلارنى ئازايتىڭ.

8. 8.يېنىكرەك كېسەل بولسىڭىزمۇ دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ، بىپەرۋالىق قىلماڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

9. 9.پۇرسەت بولسىلا ئارام ئېلىڭ، بولسا سەيلە ساياھەت قىلىڭ، كۆڭلىڭىز خۇشال بولىدىغان ئىشنى قىلىڭ.

1010. باي ياكى كەمبەغەل بولۇڭ شۈكرى قىلىڭ، كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، يېگانە ياشاشتىن ساقلىنىڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر